دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسى تۇرپان شەھىرىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
【发布时间】2021-06-10  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋەرى:

 دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسى يېقىندا تۇرپان شەھىرىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

 تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدا 6-ئاينىڭ 8-كۈنى تېمپېراتۇرا 38 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى. شەھەر ئاھالىسى ئەكرەم سۇلايمان دورىخانىغا بېرىپ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا سېتىۋالغاندا، «دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى» ئابۇنتلار تېرمىنالى «ئېلېكتىرونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسپاتى» نى كۆرسىتىپلا دورا پۇلىنى تۆلىدى. ئەكرەم سۇلايماننىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، دورىخانا، دوختۇرخانىلاردا كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىپلا قالماي، يەنە ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆزىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرەلەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە بۇ سۇپىنى ئىشلەتسەك بەك قولايلىق بولىدىكەن. يان تېلېفون ئارقىلىق ھەر ۋاقىت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇش، شەخسىي ھېسابات، دوختۇرخانىدا يېتىش، ئاتچوت قىلىش ۋە چىقىم تەپسىلاتلىرىنى تەكشۈرەلەيدىكەنمىز. 

 تۇرپان شەھىرى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسى شىنجاڭدا تۇنجى ماكانلاشقان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ھىسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رۈي لېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يادرولۇق كەسپىنى بېجىرىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپى ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپى قاتارلىق 16 تارماق سىستېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جايلارنىڭ ئىلگىرىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سىستېمىسى ئۆلچىمى بىرلىككە كەلمەسلىك، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ، داۋالىنىش كاپالىتىنىڭ ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنى، ئاممىۋىي كەسىپ، ماكرولۇق چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە يۈرۈشىشىنى كۆزىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامما مەيلى ئالاقە تورى، ئىش بېجىرىش پۇكىيى، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى، بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىدا بولسۇن بىرلىككە كەلگەن، ئۆلچەملەشكەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

相关阅读