ئاپتونوم رايونىمىز تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى
【发布时间】2021-06-10  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 ئاپتونوم رايونىمىز تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

 يېقىندا، 46 كارخانا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، خاس، يېڭى» «كىچىك گىگانت» كارخانا بولۇپ قالدى. شىنجاڭ «يىدا» توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى شۇلارنىڭ بىرى، شىركەتنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت بويىچە ئالىي دىرېكتورى شەن فېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كىچىك گىگانت» كارخانا بولۇپ تاللانغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ مۇكاپاتى ۋە تۈرلۈك مۇلازىمەتلىرى ئارقىلىق، كارخانىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئاپتوماتلىشىش سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ھازىرقى تېخنىكا، پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ، كەسىپ ۋە بازارنى كېڭەيتىمىز.

 «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، خاس، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار دىگىنىمىز كەسىپلەشكەن، سەرخىللاشقان، خاسلاشقان، يېڭىچە تۆت چوڭ ئەۋزەللىكنى ھازىرلىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، خاس، يېڭى» «كىچىك گىگانت» كارخانا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى. «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، خاس، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى تەربىيەلەش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، خاس، يېڭى» «كىچىك گىگانت» كارخانىدىن 91 ى بار. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى كارخانا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يۈخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، خاس، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، باھالاش سىستېمىسى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، خاس، يېڭى» «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى ھەرىكەت ھالىتىدە يېتىشتۈرۈش ئامبىرى ۋە ياسىمىچىلىق يەككە تۈرىدە چېمپىيون بولغان كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش ئامبىرى قۇرىدۇ. ئامبارغا كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرۈش، ئەلالىرىنى تاللاپ بېكىتىش، نۇقتىلىق يۆلەش خىزمەت تەپەككۇرى بويىچە پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، خاس، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا يۈزلەنگەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقى، باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

 ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئاممىۋىي مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئۇچۇر، تەربىيەلەش، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىنجاڭ داشۆ پەن ـ تېخنىكا باغچىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ كىچىك كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسى 2020- يىلى «دۆلەتنىڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» بولۇپ باھالاندى، ھازىر بۇ بازىغا 217 كارخانا ماكانلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە پەن ـ تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىدىن 125 ى بار. ماكانلاشقان كارخانا، شىنجاڭ بورۈن تيەنچېڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ يەنخۇي مۇنداق دېدى: يۇقىرى يېڭى تېخنىكىغا سىياسەت جەھەتتە چۈشەنچە بېرىش تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرىشىمىزغا ناھايىتى زور قولايلىق يارىتىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن زىممىمىزدىكى يۈك ئېلىۋېتىلىپ، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدۇق، بىزنىڭ VR تېخنىكىمىز، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىمىز نۆۋەتتە نۇرغۇن ساھەلەردە ئەمەلىيلەشتى. 

 مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت بولۇش ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئۇزاقتىن بۇيان قىيناپ كەلدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. مەزكۇر سۇپا بانكا، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى قاتارلىق بايلىقلارنى توپلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى كارخانا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يۈخەي مۇنداق دېدى: 13 بانكا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، كارخانىلارنىڭ بەزى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن تەمىنلەپ، بانكىلارنى كارخانىلار بىلەن نۇقتىمۇ نۇقتا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. 

相关阅读