ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا : باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى
【发布时间】2021-07-26  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۈگۈن (7.25) چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى، يېزىلاردىكى ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1- ئىيۇل» دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، 1-، 2-، 3- كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چوڭ- چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جايلارغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ۋە ياردەم بېرىش تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش؛ يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، يەسلى، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشۇرۇش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەشۋىق- تەربىيەسىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسى ۋە ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دىنلارنىڭ ئېجىل ـ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزىم جەمئىيىتىكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق، مۇزلۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك. تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. 

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باشتىن ـ ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش، ئالدىن تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئالدىن پىلانلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تولۇق ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆزىتىش ۋە سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ھاۋارايى، كەلكۈن، يامغۇر، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يامغۇر، قىيان، لاي- لاتقىلىق ئېقىن قاتارلىقلاردىن سىگنال بېرىش ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يوشۇرۇن ئاپەت خەۋپىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، خەتەرنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق رايون ۋە ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلامدىن، ئالا قويماي تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ مەسىلىلىرىنى بايقىغان ھامان دەرھال تەكشۈرۈپ تۈزىتىش كېرەك. قىسمەن جايلاردىكى قارا يامغۇر، قىيان، كەلكۈن، گېئولوگىيەلىك ئاپەت، شەھەر ھۆلچىلىك ئاپىتىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈش كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، ماددىي ئەشيا، خادىم، قۇتقۇزۇش كۈچلىرى زاپىسىنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى ھەقىقىي تۈردە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە داۋاملىق چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، ساننى سۈپەتكە، سۈرئەتنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ياخشى قىلىشقا ئىنتىلىپ، سۈرئەت قوغلاشماي، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت دېھقانلارنىڭ بۇنىڭدىن نەپ ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. 

 شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى يىفېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.