بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدۇ
【发布时间】2021-07-28  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدۇ». خېنەن ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانىلار بەس- بەستە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ياردەم بەردى.

 شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى خادىملىرى ئىئانە قىلغان 1 توننا 200 كىلوگىرام قېتىق تۈنۈگۈن (7.26) چۈشتە، ئايروپىلانغا قاچىلىنىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە جېڭجۇ شەھىرىنىڭ شىنجېڭ (新郑) ئايرودرومىغا يەتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھى «تيەنيۈەن» (天缘) خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت شىركىتى مال پونكىتى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى چې ياڭ (车阳) تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى تاللاپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ خېنەنگە ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. كېيىنكى مەزگىلدە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز ۋە ياردەم بېرىمىز.

 قىممىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرى قاچىلانغان زەنجىرسىمان سوغۇق ساقلاش يۈك ئاپتوموبىلى تۈنۈگۈن (7.26) چۈشتىن كېيىن، بىڭتۈەن 12- شىسى شىنجاڭ «تيەنرۈن» سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىدىن يولغا چىقىپ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇۋ (郑州) شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى. شىركەت مۇشۇ ئاينىڭ 24- كۈنى، يەنە 150 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنشياڭ (新乡) شەھىرىگە جىددىي ئىئانە قىلغان. شىركەت پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى ليۇ راڭ (刘让) مۇنداق دېدى: بۇ بۇيۇملارنى شۇ جايدىكى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارغا يەتكۈزۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان قۇتقۇزۇش خادىملىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا كۈچلۈك مەدەت بەردۇق.

 تېكەس ناھىيەسىدىكى «شىنيىتې» (新伊特) ئىچىملىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى ئىئانە قىلغان 5 مىڭ يېشىك مىنېرال سۇ ۋە 20 مىڭ نان مۇشۇ ئاينىڭ 24- كۈنى كەچتە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىگە يەتكۈزۈلدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ مىڭخەي (王明海) مۇنداق دېدى: كەلكۈن رەھىمسىز بولسىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدا مېھىر- مۇھەببەت بار. خېنەننىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، شىركىتىمىزدىكىلەر دەرھال ھەرىكەتكە كەلدۇق. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خىزمەتچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە تەشكىللەپ، 5 مىڭ يېشىك مىنېرال سۇ ئىشلەپچىقىرىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونىدىكى خەلققە مېھىر- مۇھەببىتىمىزنى يەتكۈزدۇق.

 خېنەندە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قاراماي شەھىرىدىكى خېنەنلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىغا ئەزا ئورۇنلار بەس- بەستە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا پۇل ئىئانە قىلدى. ھازىرغا قەدەر، ئىئانە قىلىنغان پۇل 1 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى. قاراماي شەھىرى خېنەنلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ رۇڭشىن (王荣欣) مۇنداق دېدى: بۇ پۇل ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يۇرتىمىزنىڭ ئاپەت ئەھۋالىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، مېھرى- مۇھەببىتىمىزنى يەتكۈزىمىز.

相关阅读