ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ھازىر مەملىكەت بويىچە جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئەڭ كۆپ قاتنايدىغان چېگرا ئېغىزىغا ئايلاندى
【发布时间】2021-07-28  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 كىيىم- كېچەك، تۈرلۈك ماللار، ئاپتوموبىل، ماشىنا- ئۈسكۈنە قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۈنۈگۈن (7.26) سائەت 10 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىن يولغا چىقىپ، پولشانىڭ مالاشېۋىچقا يۈرۈپ كەتتى. بۇ، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ- چىققان 20 مىڭىنچى قېتىملىق جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى. بۇنىڭ بىلەن، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ھازىر مەملىكەت بويىچە جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئەڭ كۆپ قاتنايدىغان چېگرا ئېغىزىغا ئايلاندى.

 نۆۋەتتە، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان نۆۋەتچى پويىز جەمئىي 46 لىنىيە بويىچە قاتناۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، دائىملىق قاتنايدىغىنى چۇڭچىڭ- شىنجاڭ- ياۋروپا، جېڭجۇ- شىنجاڭ- ياۋروپا، چېڭدۇ- شىنجاڭ- ياۋروپا ۋە «چاڭئەن» ناملىق قاتارلىق 28 لىنىيە بولۇپ، گېرمانىيە، پولشا، بېلگىيە، رۇسىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتكە بارىدۇ، توشۇيدىغان يۈك تۈرى 200 خىلدىن ئاشىدۇ. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ ۋوگزالى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئىنژېنېرى ما يۈن (马云) بۇ يىل نۆۋەتچى پويىز سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، چېگرا ئېغىزىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مال مىقدارىنىڭ يەنىمۇ ئاشقانلىقى، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قاتناش ئېھتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن نۆۋەتتە چېگرا ئېغىزىنىڭ ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋوگزالنى تارقاق- توپ قاچىلانغان يۈكلەرنى قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان 6 لىنىيە بويىچە ئۆزگەرتىۋاتىمىز. بۇ يىل، ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىپ، ۋوگزال، مەيدانلىرىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چېگرا ئېغىزىنىڭ تىرانسپورت ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.

 جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 2011- يىلى قاتنىغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 20 مىڭ 4 كە يىتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %35.8 كۆپەيدى، توشۇلغان ئومۇمىي مال مىقدارى 10 مىليون 970 مىڭ توننىدىن ئاشتى. ئاساسلىقى، ئاپتوموبىل ۋە زاپچاسلار، پاختا يىپ، ياغاچ ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار ئىمپورت قىلىنىپ، ئاپتوموبىل ۋە زاپچاسلار، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىندى. ئالاتاۋ تاموژنىسى، تۆمۈريول، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ۋە يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 95306 «رەقەملىك چېگرا ئېغىزى» سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ۋوگزال ئىچكى قىسمىدىكى ھۆججەت بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، كۆپ ھالقىلاردىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش جەريانىنى داۋاملىق قىسقارتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ چېگرا ئېغىزىدا توختاش، ساقلاش ۋاقتىنى ئازايتتى. نۆۋەتتە، ئېكسپورت نۆۋەتچى پويىزى ئەڭ تېز بولغاندا 20 مىنۇت ئىچىدە تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولالايدۇ. نۆۋەتچى پويىزنىڭ چېگرا ئېغىزىدا توختاش ۋاقتى 14 سائەتتىن ئەڭ تېز بولغاندا بەش سائەتكە قىسقارتىلدى. ئالاتاۋ «بوباۋ» (博报) خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىمى زۇ جېن (祖震) مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تۆمۈريول ۋە تاموژنا، نۆۋەتچى پويىزنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش سانىغا قارىتا مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش كەسپىنى پۈتۈن كۈن بېجىردى. قەغەزسىز سىستېما ۋە ئۇچراشماسلىق شەكلىدە نۆۋەتچى پويىزنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بىر- بىرلەپ بېجىرىپ، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئىقتىسادىي تەننەرخىمىزنى تېجەپ بەردى.

相关阅读