خۇنەن شياڭشىدىكى بەييۈنشەن كەنتى
【发布时间】2021-09-15  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيازۇ مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى باۋجىڭ ناھىيەسى ۋەنمىپو بازىرىنىڭ غەربىدىكى تاغ باغرىدىن ئاپتوموبىللىق يولغا چىقىپ، ئوڭ- سولغا سوزۇلغان 20 نەچچە ئەگىمدىن ئۆتكەندە، خۇنەن بەييۈن تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ مەركىزى بەييۈنشەن كەنتىگە يېتىپ كەلگىلى بولىدۇ. كەنت چوڭ- كىچىك ئون نەچچە تەبىئىي گۇرۇپپىدىن تەركىب تاپقان. روۋۋۇ، ماتى، مۇشا قاتارلىق قاشالار ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ياكى تاغ باغرىغا سوزۇلغان، ياكى دۆڭلىككە جايلاشقان بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇلار ھەم ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەنلىكتىن بەييۈنشەن كەنتىنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ھەممە يەردە بەييۈن تېغى ئارىسىدىكى گۈزەل كەنتنىڭ جىمجىتلىقى ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

  تۇتاش كەتكەن قەدىمىي دەرەخلەر ئارىسىدا، تۇجيالارنىڭ ئەنئەنىۋى ياغاچتىن ياسالغان ئۆيلىرى بىر- بىرىگە ياندىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، كەنتنىڭ ئۇزاق تارىخى بايان قىلىنغان. گىرەلىشىپ كەتكەن كەنت يوللىرى، ئائىلىلەرگە تۇتاشقان پاكىز يوللار دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ تۇرىدۇ. پاكىز ھويلا- ئاران، ياپيېشىل كۆكتاتلىققا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھارماي- تالماي تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ئەمەلىيەتچىل ئەمگىكى خاتىرىلەنگەن. كۆركەم پىيادىلەر يولى، نەپىس ياسالغان شىپاڭ ۋە راۋاقلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش تەپسىلاتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. «گۈزەل يېزا- كەنت بەرپا قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاپلا قالماي، كەنتنىڭ مۇھىت قۇرۇلۇشىنىمۇ ياخشلىشىمىز كېرەك». مانا بۇ «ئەڭ گۈزەل دېھقان» بولۇپ باھالانغان 43 ياشلىق كەنت ئاھالىسى خې گۇاڭگۈينىڭ ئاددىي- ساددىلىق بىلەن ئېيتقان سۆزى.

  سىز كەنتنىڭ ھەر قايسى چوڭ كەسىپ بازىلىرىدا خالىغانچە مېڭىپ، ئېگىزرەك نۇقتىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالسىڭىز، 4000 موغا يېقىن تاغ چايزارلىقى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. زۇمرەتتەك يېشىل، كۆپكۆك ياكى سۇس قىزىل مېۋىلەر شاخلىرىغا لىق تولغان بولۇپ، پەقەت سوغۇق شەبنەمنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، يىغىش بىلەن ئالدىراش بولىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چېھرىدە كۈلكە تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىدۇ.

  5- ئايدىن 6- ئايغىچە 1000 مو ئۇچقات بازىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلى. ئاپئاق، توپ- توپ ئالتۇن رەڭلىك كىچىك گۈللەر تال- تال ئېچىلىپ دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان خۇش پۇراق چېچىپ، كىشىنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە 1000 مو مايمۇن شاپتۇلى باغچىسى، 1500 مو تاماكا قۇرۇتۇش ئورنى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق گۈزەل كەنتنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىسى.

  بەييۈن تېغىدا بۇلۇت دېڭىزىنى، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە كۈننىڭ پېتىشىنى كۆرۈش كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەل ئىش. ئەتىگەن سائەت 6 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەن ياكى 6 دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەن ۋاقىتتا بەييۈنسىې چوققىسىغا چىقىپ، جىمجىت ئولتۇرۇپ ئارام ئالسىڭىز روھىڭىز كۆتۈرۈلۈپ كەيپىياتىڭىز ئىنتايىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ. ھەيۋەتلىك مەنزىرىدە، سەزگۈ ئەزالىرىڭىز ۋە قەلبىڭىز ھاياجانغا تولۇپ ھەيرانلىق ھېس قىلىسىز. تاغ قاپتىلىدىكى تۇمان قويۇقلىشىپ، مەۋج ئۇرۇپ، يۇقىرىغا ئۆرلىگەندە چوڭ پارچە- پارچە تۇمانلار بىر- بىرىگە يۆگىشىپ يۇقىرىغا قاراپ ئاقىدۇ. بىردەمدىن كېيىن تۆت ئەتراپتىكى تاغلار ئاستا- ئاستا سۇ ئاستىدا قالغاندەك، مەنزىرە تاماشا قىلىۋاتقانلارمۇ ئاق رەڭلىك نەرسىلەر بىلەن ئورىلىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ ۋاقىت جىمجىتلىقنى ساقلاپ، بۇ ئاق رەڭلىك دۇنيانى كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلىپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيىدۇ.  

  بەييۈن تېغى يەنە تەبىئىي بايلىقى ئىنتايىن مول تەبىئىي خەزىنە. مىليون يىللار جەريانىدا بوران- چاپقۇن، قار- يامغۇرنىڭ سىلىقلىشى، ئۇپرىتىشى، سۇنىڭ يالىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن بەييۈن تېغىنىڭ مەنزىرىلىرى كۆپ بولۇپ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئاجايىپ چوققىلار، ئۆڭكۈرلەر، غەلىتە تاشلار، خىلۋەت جىلغىلار، جىلغا ئېرىقچىلىرى ۋە ئون چاقىرىملىق بامبۇكزارلىقنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ. ئېتىراپ قىلىنغان 2855 خىل ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بەييۈن تېغىنى تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىدۇ.

  بەييۈن تېغىدا ساياھەت قىلغاندا زىيالىي ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىنى چوقۇم ئايلىنىپ كېلىش كېرەك. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا، 200 دىن ئارتۇق زىيالى ياشنىڭ تاغ ۋە يېزىلارغا بېرىش دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە، بەييۈن تېغىغا كېلىپ، بوز يەر ئېچىپ، چايزارلىق بەرپا قىلىپ، دانلىق زىرائەت تېرىپ، قوي- كالا بېقىشتەك قاينام- تاشقىنلىق ئەۋجىگە چىققان سەلتەنەتلىك دەۋر كارتىنىلىرى يېزىپ قالدۇرۇلغان. 

  ئويناپ ھېرىپ قالغىنىڭزدا، قەدىمىي، چىرايلىق ياسالغان سەھرا قونالغۇسىغا بېرىپ ئارام ئېلىپ، ئەسلى تەمدىكى تۇجيالارنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى تېتىپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ياغاچ كارىدورلۇق كۆۋرۈكتە تۇرۇپ كەچكى شەپەقنى كۆرۈپ، تومۇزغىنىڭ چىرىلداشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇيقۇڭىز كەلگەندە يۇمشاق يوتقانغا كىرىپ ئۇخلاپ، تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. 

相关阅读