شىنجاڭلىق بوكس تەنھەرىكەتچىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن 2- ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى
【发布时间】2021-09-22  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرىدىكى بۈگۈن (9.21) ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق بوكس تەنھەرىكەتچىسى توختاربېك تاڭئاتقان بېيجىڭلىق ماھىر ئۇلپار خارخېننى يېڭىپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 2- ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. 

 توختاربېك تاڭئاتقان بىلەن ئۇلپار خارخېن 2020- ۋە 2021- يىللىق مەملىكەتلىك ئەرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگراملىقلار مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغانىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىنى چېمپىيون جېڭى دېيىشكە بولاتتى. مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا توختاربېك تاڭئاتقان تاكتىكا ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك، توغرا مۇشت ئېتىپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. مۇسابىقىنىڭ 2-، 3- چارىكىدە، ئۇ ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، ئاخىرىدا 5 تە 0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى. توختاربېك تاڭئاتقان مۇنداق دېدى: ئىنتايىن ئىپتىخارلاندىم ھەم بەك خۇش بولدۇم. ئۆزۈمگە تېخىمۇ يۇقىرى نىشان بېكىتتىم، بۇنىڭدىن كېيىن كۈچۈمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، مۇداپىئە، ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىمەن. مېنىڭ يەنە ئاسىيا ۋە دۇنيا بويىچە، شۇنداقلا ئولىمپىك چېمپىيونى بولغۇم بار، مۇشۇ نىشانىم ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن.

 بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن توختاربېك تاڭئاتقان ئالتاي شەھىرىدىن. ئۇ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. بۇ يىل، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئۇ تۇنجى قېتىم جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بوكس تۈرىنىڭ ئەرلەر 75 كىلوگراملىقلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 16 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى. بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، توختاربېك تاڭئاتقان مۇسابىقە جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە 5 تە 0 نەتىجە بىلەن رەقىبلىرىنى يەڭدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت مۇنداق دېدى: كېيىنكى باسقۇچتا تەييارلىقنى كۈچەيتىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، كېيىنكى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز. 

相关阅读