يۆبېڭ يېيىش، پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزۈشتىكى ئەنئەنىۋى ئادىتى
【发布时间】2021-09-22  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 بىپايان دېڭىزدىن كۆتۈرۈلگەن تولۇن ئاي، كائىناتتا تۇرۇپ بارچىمىز ساڭا نەزەر تاشلىماقتىمىز. يۆبېڭ يېيىش، پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزۈشتىكى ئەنئەنىۋى ئادىتى. دۇنيا سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يۆبېڭمۇ خەلقئارا بازارغا يۈزلەندى. قورغاس شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان 100 مىڭ يۆبېڭ يېقىندا، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا ئېكىسپورت قىلىندى.

 بۇ بىر تۈركۈم يۆبېڭنى قورغاس شەھەرلىك «جىنيى» (金亿) خەلقئارا سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ ئېكسپورت قىلدى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ (于成忠) بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان تاپشۇرۇۋالغان زاكازغا ئاساسەن يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان يۆبېڭلارنى تېزدىن چېگرادىن چىقىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇڭگولۇقلار، خۇاچاۋلارنىڭ يۇرت سېغىنىشىنى بېسىش ئۈچۈن، توردا چەت ئەللىك خېرىدارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: چەت ئەلدىكى مۇساپىرلارنىڭ يۇرت سېغىنىشىنى بېسىش ئۈچۈن، كالا گۆشى، تۇخۇم سېرىقى، بەش خىل مېغىز قاتارلىقلار قىيما قىلىنغان 10 نەچچە خىل يۆبېڭ تەييارلىدۇق. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ۋە خۇاچاۋلارنى يۇرتىمىزنىڭ يۆبېڭىنى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقچىمىز.

 تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رېن خۇشيەن (任厚贤) نىڭ قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولدى. ئۇ، چۇڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەلدە، ئۆز يۇرتىنىڭ يۆبېڭىنى يېيەلىگەنلىكىدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن چەت ئەلدىكى مۇساپىر. يۇرتۇمدىن كەلگەن يۆبېڭنى يەپ، ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈم چەتئەلدە تۇرۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم ھەم بۇنىڭدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم. دۆلىتىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن شۇنداقلا، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشمەن.

 قورغاس تاموژنىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سىياسەت جەھەتتە قوللاشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ مۇكەممەل سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى، پىششىقلاش ھۈنىرى، قوشۇمچە يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ۋە يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئىشلىتىشىگە قارىتا، ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى مەنبەدىن باشقۇرۇپ ۋە كونترۇل قىلىپ، ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت (رايون) نىڭ ئالاقىدار كارانتىن تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن جەرياندا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈشكە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى. قورغاس تاموژنىسىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش 4- بۆلۈمىنىڭ 4- دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى شۈ ۋېي (徐薇) مۇنداق دېدى: يۆبېڭنىڭ پەسىل خاراكتېرى كۈچلۈك، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى قىسقا بولغاچقا، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدۇق؛ يۆبېڭ ئېكسپورت قىلىدىغان كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش تەرتىپىگە «نۇقتىدىن نۇقتىغىچە» يېتەكچىلىك قىلدۇق ھەمدە كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت پىلانىغا ئاساسەن، مەلۇم قىلىشنى ئالدىن كېلىشىش، تېز تەكشۈرۈپ، تېز ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇپ، ئىكسپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتىنى تېزلەتتۇق.

相关阅读