​ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى پۇقرالار ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى
【发布时间】2021-09-22  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى پۇقرالار ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن ئېچىپ ياكى كۆپەيتىپ، تور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

 مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى يولۇچى توشۇش سانى 23 مىڭ ئادەم، قېتىمدىن ئېشىپ، يۇقۇم كۆرۈلۈشتىن بۇرۇنقى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش سەۋىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بازار تىجارىتى بۆلۈمى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى خادىمى لىن يۇڭيا (蔺雍雅) جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ توشۇش كۈچىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىگە كۆپلىگەن يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچقانلىقى، قېتىم سانىنى كۆپەيتكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ داشىڭ، گۇاڭجۇ، شاڭخەي، چېڭدۇ، شىئەن قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتتۇق. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ داشىڭغا ھەر كۈنى 6، 7 نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئۈرۈمچىدىن شاڭخەي، ۋۇخەنگە ھەر كۈنى 4، 5 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناۋاتىدۇ. جەنۇب ئاۋىياتسىيەمىز شىنجاڭ ئىچىدىكى قىزىق نۇقتىلىق ساياھەت شەھەرلىرىگە يولۇچى توشۇش كۈچىمىزنى ئاشۇردۇق. ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئارىلىقىدا ھەر كۈنى 6 نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدا ھەر كۈنى 8، 9 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناۋاتىدۇ. جۇڭچيۇ بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەمىز شىنجاڭدا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش قېتىم سانىنى 600 قېتىمدىن، ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى 80 دىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق. 

 9- ئاي كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، بازار ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشەپ، شىنجاڭدا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە كۆپەيتتى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر- خوتەن- جېڭجۇ، ئۈرۈمچى- چاڭشا- ۋېنجۇ، ئۈرۈمچى- قاناس قاتارلىق بېرىپ كېلىش لىنىيەلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە بازىرى سېلىنمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى 11 ئايرودۇرۇمغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سېلىپ، بېيجىڭ، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، ۋۇخەن قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەرنى تۇتاشتۇردى. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسى مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى قۇرۇلۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە B737-800 بەلگىلىك ئايروپىلاندىن ئۈچنى ئۈرۈمچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ خىل، قولاي، ئەلا سۈپەتلىك ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور پۇ جيەنفاڭ (蒲建芳) مۇنداق دېدى: رايون ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، توشۇش كۈچى سېلىنمىمىزنى داۋاملىق زورايتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى غول لىنىيەلەرنى كۆپەيتىپ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى يۈرۈشۈشى ۋە تىجارەت كاپالىتى ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. 

 كورلا، خوتەن، ئاقسۇ، يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ قاتناش ئىقتىدارىمۇ تېز ئەسلىگە كەلدى ۋە يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، سەككىز ئاۋىياتسىيە شىركىتى خوتەن ئايرودۇرۇمىدا قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، تىجارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى 26 شەھەرگە تۇتاشتۇردى. كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش سانى ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى شىنجاڭدىكى21 ئايرودۇرۇمنى قاپلاپ، مەملىكەت ئىچىدىكى 20 شەھەرگە تۇتاشتى. كورلا ئايرودۇرۇمى خېرىدارلار مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ياردەمچىسى لى يى (李逸) مۇنداق دېدى: كورلا ئايرۇدۇرۇمىمىز ئاۋىئاتسىيە تورى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پائال ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاۋىئاتسىيە نۇقتىلىرىنى كېڭەيتتۇق. بۇنىڭدىن كىيىن، شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىدىغان ئىككىنچى يولنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، «ئوبلاست ۋە شىنجاڭنى ئايلىنىپ ئۇچىدىغان، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆپ لىنىيەگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان» ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىمىز. 

相关阅读