شىنجاڭ سەنشىگە ياردەم بەرگەن 18 مىڭ دانە پاختىلىق يوتقان «يولغا چىقتى»
【发布时间】2021-10-18  作者:xirenay  来源:تىيانشان تورى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ): 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرىدە، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى سەنشى خەلقىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن جىددىي يولغا چىقتى.

سەنشى ئۆلكىسى بىڭتۇەن 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ كەلگەنىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسىدىكى قارا يامغۇر پەيدا قىلغان ئاپەتكە 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلدى. يېقىندا، ۋۇجياچۈ شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى 2 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تېز سۈرئەتتە سەنشىگە ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

«تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ئاساسلىقى 18 مىڭ دانە پاختىلىق يوتقان بولۇپ، بىز يەنە شى، شەھەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئىئانە توپلاپ، ماددىي ئەشيا توپلاپ، سەنشىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئارقا-ئارقىدىن ياردەم بېرىشكە چاقىرىمىز» دېدى 6-شى ۋۇجياچۈ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چۈ فاڭ.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىڭتۇەن 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، لىق ماددىي ئەشيا قاچىلانغان ئاپتوموبىللار يولغا چىقتى. شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى 2 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى 18 مىڭ پاختىلىق يوتقاننى جىددىي توپلاپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئېلىپ ماڭدى.

 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، لىق ماددىي ئەشيا قاچىلانغان ئاپتوموبىللار يولغا چىقتى. شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تۇنجى تۈركۈمدىكى 2 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى 18 مىڭ دانە پاختىلىق يوتقاننى جىددىي توپلىدى.