چۇڭياڭ بايرىمىدا پائالىيەتلەر كۆپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش ھېسسىياتى قويۇق
【发布时间】2021-10-18  作者:xirenay  来源:تىيانشان تورى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، كىچىك دوستلار ياشانغانلارغا قىزىل گۈل تاقىماقتا.ئىختىيارىي مۇخبىر نىياز راخمان فوتوسى  ئانار بۇلۇت خەۋىرى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى ئاقبۇيا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، كەنتتىكى 10 نەپەر ياشانغان كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارغا بايرام شادلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

10ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنتتىكى ياشانغانلار بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىماقتا.ئىختىيارىي مۇخبىر نىياز راخمان فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق باغچىسىدا ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناپ بەدەن چېنىقتۇرماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شيۇكې فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق باغچىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ماھارىتىنى نامايان قىلماقتا. 

ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شيۇكې فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، دوختۇرلار ياشانغانلارغا ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بەرمەكتە.

سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

   10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ شىمىگۇ رايونى شىنمىن يولى تەۋەلىك رايونى چېڭگۇڭ شەرقىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پۇرۈي كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ دۇجوۋ جۇڭيى دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، تەۋەلىكتىكى ياشانغانلارغا خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارغا ساغلاملىق ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزدى. 

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 101-تۇەن ئاياللار بىرلەشمىسى چۇڭياڭ بايرىمىلىق ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارغا بايراملىق بەخت تىلىدى ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزدى.

ئىختىيارىي مۇخبىر ۋېي شىنجياڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ياشانغانلارغا پاختىلىق چاپان تارقىتىپ بەردى.

ئىختىيارىي مۇخبىر مېڭ جاۋپېڭ فوتوسى

  چۇڭياڭ بايرىمىدا، ئالتاي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خاندىغات يېزىسى ئارشات كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا قىشلىق كىيىم-كېچەك سوۋغا قىلىپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزدى.