5-ئايدىكى بارلىق توفېل، ئىلتىس قاتارلىق چەت ئەل ئىمتىھانلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
【发布时间】2020-04-22  作者:mikray  来源:تىيانشان تورى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى (لى يىخۈەن) مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى بۈگۈن «2020-يىلى 5-ئايدىكى چەت ئەل ئىمتىھانلىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، 2020-يىلى 5-ئايدىكى بارلىق توفېل، ئىلتىس، GRE ، GMATقاتارلىق ئىمتىھانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ.

  ئالاقىدار مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە داۋاملىق ماسلىشىش ئۈچۈن، تەتقىق قىلىش ھەمدە ئالاقىدار چەت ئەل ئىمتىھانىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاپپاراتلار بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، 5-ئايدىكى چەت ئەل ئىمتىھانلىرىنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەش قارار قىلىندى:

  1. 2020-يىلى 5-ئايدىكى بارلىق توفېل ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ .

   2. 2020-يىلى 5-ئايدىكى بارلىق ئىلتىس ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ.

  3. 2020-يىلى 5-ئايدىكى بارلىق GRE ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ .

  4. 2020-يىلى 5-ئايدىكى بارلىق GMAT ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ.

  5. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىنىدىغانKET ، PET ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  6. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 16-، 23-، 30-كۈنلىرى ئېلىشقا بېكىتىلگەن كامبىرىچ سودا ئىشلىرى ئىنگلىز تىلى گۇۋاھنامىسىنىڭ دەسلەپكى، ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىمتىھانلىرىنى كېچىكتۈرۈلىدۇ، كونكرېت ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.


相关阅读