ئاپتونوم رايونىمىز 26 ئورۇنغا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى ئەمەلىيەت تەربىيەسى بازىسى (لاگېرى)دەپ نام بەردى
【发布时间】2020-05-08  作者:mikray  来源:شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ۋە ئۇنىۋېرسال باھالاپ بېكىتىشى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 26 ئورۇنغا ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى ئەمەلىيەت تەربىيەسى بازىسى، لاگېرى دەپ نام بېرىلگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، قاراماي قاراماي تېغى نېفىت گېئولوگىيە مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى خاتىرە سارىيى، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى قاتارلىق 23 ئورۇنغا ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى ئەمەلىيەت تەربىيەسى بازىسى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ياش - ئۆسمۈرلەر ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت بازىسى، كورلا شەھەرلىك ياش - ئۆسمۈرلەر ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت بازىسى، غۇلجا شەھەرلىك ياش - ئۆسمۈرلەر ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت بازىسىغا ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى ئەمەلىيەت تەربىيەسى لاگېرى دەپ نام بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2018 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان «ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە، ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرىنى مەكتەپنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسلىكى بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئويلىشىپ، تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى بىلەن مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى ئەمەلىيەت تەربىيەسى بازىسى (لاگېرى) ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ خاراكتېرى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى ئەمەلىيەت تەربىيەسى بازىسى (لاگېرى)غا بولغان كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش، ئەمەلىيەت، تۇرمۇش، سەپەرگە چىقىش، ياتاق - تاماق قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىلەن بىرلىكتە تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى ئەمەلىيەت تەربىيەسى بازىسى(لاگېرى)نى ھەرىكەتچان باشقۇرۇپ، ئالاقىدار تەلەپكە يەتمىگەنلىرىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى ئېلىۋېتىدۇ.

相关阅读