خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «سۇلى شەھىرى»نىڭ ھەقىقىي قىياپىتى قايتا نامايان قىلىندى
【发布时间】2020-05-12  作者:mikray  来源:شىنجاڭ گېزىتى

− ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسىنىڭ تارىخىي سىرىنى ئېچىپ بەردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

شىچېڭزى خارابىسىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجەكلىك راۋىقى ھەم سېپىلى (ماتېرىيال سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سۈرەتنى جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گېزىتخانىسى تەمىنلىگەن)

5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 2019 - يىللىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسى تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ، نۆۋەتتە شىنجاڭدا بايقالغان تۇنجى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەربىي بازار خارابىسى بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى ئىلگىرى شۇ جايدا نام - شۆھرەت قازانغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇلى شەھىرىنىڭ كونا ئورنى دەپ بېكىتتى، بۇ خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقى ۋە باشقۇرغانلىقىنىڭ تارىخىي پاكىتى.

2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى سىجىل قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دۇنياغا خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر خارابىلىكنىڭ تارىخىي سىرىنى ئاچتى.

شۇ جايدا نام - شۆھرەت قازانغان ھەربىي بازار خارابىسى

باش ياز مەزگىلىدىكى گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا، كۆز يەتكۈسىز ياپيېشىل بۇغدايلىق زۇمرەت دولقۇندەك دولقۇنلىنىپ تۇراتتى، بەنجېگۇ بازىرى ماگۇلياڭ كەنتى دەل مۇشۇ يەردە بولۇپ، بۇ يەر دەل شىچېڭزى خارابىسى ئىدى.

«سىجىل قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىز خارابىلىكنىڭ شەكلى، تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق» دېدى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى تيەن شياۋخۇڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا. ئۇ شىچېڭزى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى.

بوشلۇقتىن تارتىلغان خەرىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تىك تۆت تەرەپلىك خارابە تاغ شەكلى، سۇ يۆنىلىشى بويىچە تىك يار ئۈستىگە قۇرۇلغان، شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس بولۇپ، ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش پەرقى 200 مېتىر كېلىدۇ. غەرب تەرىپى، شىمال تەرىپى سېپىل، شەرق تەرىپى، جەنۇب تەرىپى چوڭقۇر جىلغىغا يېقىن بولۇپ، جىلغىنىڭ ئاستىدا ماگۇخې دەرياسى بار بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا شەھەرنىڭ شەرقىنى بويلاپ ئۆتىدۇ، شەھەر سىرتىدا سېپىل خەندىكى بار؛ خارابىلىكنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكى ۋە شەرقىي شىمال بۇرجىكىدە بىردىن بۇرجەكلىك راۋاق بار، بىردىنبىر شەھەر دەرۋازىسى غەربىي سېپىلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن خارابىلىكنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 110 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. شەھەر ئىچىدە غەربىي شىمال سېپىلىغا يۆلەپ، يەنە بىر 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئىچكىي شەھەر سېلىنغان.

شىمالىي سېپىلدىكى چوقچىيىپ چىققان ئىككى گۇندا سۇپىسى شىچېڭزى خارابىسىنىڭ مۇداپىئە تۈسىنى گەۋدىلەندۈرگەن، شەھەر ئىچىدىن قېزىپ چىقىلغان زور مىقداردىكى قورال - ياراغ، ساۋۇتلاردىكى تۆمۈر پارچىلىرىمۇ بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. شەھەردىن قېزىپ چىقىلغان بۇيۇملاردا بىردەك روشەن بولغان خەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ھۆججەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ، ئۇنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋردىكى داڭلىق سەركەردە گېڭ گۇڭ ساقلىغان سۇلى شەھىرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

«شىچېڭزى خارابىسى تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى تاغ ئالدى ئېدىرلىق بەلبېغىغا جايلاشقان، يەر تۈزۈلۈشى تىك كېسىپ چۈشكەن يارلىق بولۇپ، قوغدىنىش ئاسان، ھۇجۇم قىلىش تەس، ئۇ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئالاقىنى كونترول قىلىدىغان - ساقلايدىغان مۇھىم ئۆتكەل. مىلادىيە 75 - يىلى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق سەركەردە گېڭ گۇڭ <سۇلى شەھىرى يېنىدا مۇداپىئەنى مۇستەھكەملەيدىغان جىلغا بار> دەپ، جىنمەنچېڭ شەھىرى(ھازىرقى جىمىسار)دىن سۇلى شەھىرىگە چېكىنىپ تۇرۇپ قوغدىغان. بۇ تارىخىي ھۆججەتلەردىكى خاتىرىلەر شىچېڭزى خارابىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بىلەن پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ، قېزىپ چىقىلغان يادىكارلىقلاردىمۇ روشەن بولغان خەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، گېڭ گۇڭنىڭ غەربىي يۇرتتا پائالىيەت قىلغان ۋاقتى بىلەن ماس كېلىدۇ، بىز بۇنىڭدىن شىچېڭزى خارابىسىنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇلى شەھىرىنىڭ كونا ئورنى دەپ ھۆكۈم قىلدۇق» دېدى تيەن شياۋخۇڭ.

ئۇچرىتىش قىيىن بولغان «خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خوگو»

نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر شىچېڭزى خارابىسىنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمكى شەھەر، دەپ بېكىتتى، مۇشۇ يەردىن قېزىپ چىقىلغان زور مىقداردىكى قىممەتلىك يادىكارلىقلار بۇنىڭغا ئاساسلىق دەلىل - ئىسپات بولالايدۇ.

خارابىلىكتىن نۇرغۇن خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە خىش، خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە كاھىشلار قېزىپ چىقىلغان بولۇپ، كاھىشلاردىكى بۇلۇتسىمان نەقىشلەردە كۈچلۈك دەۋر ئالاھىدىلىكى بار. «بۇ خىل بۇلۇتسىمان نەقىشلىك كاھىشلار ئىككى خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە ئەڭ مودا بولغان. ياساش ھۈنەر - سەنئىتىدىن قارىغاندا، روشەن بولغان شەرقىي خەن سۇلالىسى دەسلەپكى يىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا، بىز قەبرىستانلىق رايونىدىن يەنە نۇرغۇن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بەش جۇلىق تەڭگە پۇلنى يىغىۋالدۇق. يەنە تىپىك خەن سۇلالىسى دەۋرى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە نۇرغۇنلىغان ساپال كومزەك، قارا چىراغ، كوزا قاتارلىق بۇيۇملارنى قېزىپ چىقتۇق» دېدى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋۇ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ. بۇ ھۆكۈم كاربون 14 ئارقىلىق يىل ھېسابلاش سانلىق مەلۇماتىنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشكەن.

شىچېڭزى خارابىسىدىن يەنە بىر ئىنتايىن ئالاھىدە ساپال بۇيۇم قېزىپ چىقىلدى. «داسقا ئوخشايدىغان، ئوتتۇرىسىدا يۇمىلاق شەكىللىك كاناي بار بولۇپ، <يەرلىك خوگو>نىڭ شەكلىگە ئوخشايدۇ. بۇ روشەنكى ئۆز ۋاقتىدىكى غەربىي يۇرتنىڭ بۇيۇمى ئەمەس، شىنجاڭ رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئاشخانا سايمانلىرى قېزىپ چىقىلمىغان. كۆپچىلىك: «بۇنى بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان نەۋكەر - لەشكەرلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ پەرەز قىلدى. ۋۇ يۇڭ زور قىزىقىش بىلەن: «داسنىڭ تېگىدە يەنە قالدۇق نەرسە بار ئىكەن» دەپ تەسۋىرلىدى.

«شىچېڭزى خارابىسىدىن قېزىپ چىقىلغان زور مىقداردىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت تىپىك بۇيۇملار شىنجاڭ رايونىدىكى ئارخېئولوگىيە مەدەنىيىتىنى دەۋرگە بۆلۈشتە بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى تيەن شياۋخۇڭ.

بۇ قېتىمقى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش پائالىيىتىگە ئىلگىرى - كېيىن شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئون نەچچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن قاتناشقان بولۇپ، كۆپ تۈرلۈك يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق ۋاسىتىنى قوللىنىپ، تۇپراق، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، يىراقتىن سېزىش، ئاۋىياتسىيەلىك ئۆلچەش قاتارلىق كۆپ پەن بويىچە بىرلەشمە تەتقىقاتنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى. بىر قاتار تەتقىقات نەتىجىلىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇلى شەھىرىنىڭ كۆپ كەسىپلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسىنى ئىخچام تەسۋىرلەپ بەردى: ئەينى چاغدىكى گۇچۇڭ ھازىرقىدىن ئىللىق، نەم ئىكەن. ئەينى چاغدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئاق ئارپا ۋە بۇغداي تېرىلغان، كالا، قوي ئاساس قىلىنغان چارۋىچىلىق قوشۇمچە قىلىنغان، يەنە ئاز مىقداردا سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

«پۈتۈن شىنجاڭدا بىرنەچچە جايدىكى خارابىلىك قېزىلغان بولۇپ، ئىككى خەن سۇلالىسى مەزگىلىدىكى شەھەر خارابىسى، دەپ بېكىتىشكە بولىدىغىنى مۇشۇ بىر جاي. شىچېڭزى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش شىنجاڭ رايونىدىكى ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەھەر ئورنىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى» دېدى تيەن شياۋخۇڭ.

پۇختا بولغان دالا ئارخېئولوگىيە خىزمىتى، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەر گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرىنى «2016 − 2017 - يىللىق دالا ئارخېئولوگىيە مۇكاپاتى» بويىچە شەرەپ بىلەن ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتۈردى. بۇ، جۇڭگو ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى باھالايدىغان جۇڭگونىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى دالا ئارخېئولوگىيە ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ھازىرغىچە شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسى ئېرىشكەن دالىدا قېزىش جەھەتتىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات.

خەن سۇلالىسىنىڭ باشقۇرغانلىقىنىڭ تارىخىي پاكىتى

شىچېڭزى خارابىسى ھازىرغىچە شىنجاڭ رايونىدا بايقالغان بىردىنبىر يىل دەۋرى توغرا، ئىشەنچلىك بولغان، شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەل، ساقلىنىش ھالىتى بېجىرىم، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان خەن سۇلالىسى دەۋرى قەدىمكى خارابىسى ھېسابلىنىدۇ. 2013 - يىلى ئۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىغا ئايلاندى.

خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ رايونى رەسمىي ھالدا جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى، غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى غەربىي يۇرتنى باشقۇرىدىغان ھەربىي - مەمۇرىي ئاپپارات قىلىپ تەسىس قىلغان. شىچېڭزى خارابىسى خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنىڭ ۋە باشقۇرغانلىقىنىڭ تارىخىي پاكىتى.

سۇلى شەھىرىنىڭ نامىنىڭ ئۆچمەس تارىخقا ئايلىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، داڭلىق سەركەردە گېڭ گۇڭنىڭ ئىلگىرى بۇ يەردە ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقىدا. ئۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى سەركەردە - لەشكەرلەرنى باشلاپ قان كېچىپ جاپالىق جەڭ قىلىپ، ئۆزىنىڭ 100 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغان ھونلار قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان بولۇپ، «سۇ ۋۇنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن» سادىقلىقى ۋە جەسۇرلۇقى كېيىنكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، سۇلى شەھىرى ئۈچۈن بىر بۆلەك قەھرىمانلىق ھېكايىسى قالدۇرغان.

شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى ۋېنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، شەھەر ئارخېئولوگىيەسى شىنجاڭ دالا ئارخېئولوگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شىنجاڭدىكى نۇرغۇنلىغان شەھەر ئورنىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولغان، تەكرار ئىشلىتىلگەچكە، شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ناھايىتى ئېغىر بولغان، ھالبۇكى شىچېڭزى بولسا خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى نوقۇل شەھەر ئورنى بولۇپ، يىل دەۋرى توغرا، ئىشەنچلىك، شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەل، ساقلىنىش ھالىتى بېجىرىم، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇپ، بۇ، بىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە نىسبەتەن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىلھاملاندۇرۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە».

شىچېڭزى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى شىنجاڭنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپلا جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقى، يۇغۇرۇلغانلىقى، زىچ ماسلاشقانلىقىدەك تارىخىي پاكىتلارنى شەرھلەشكە نىسبەتەن مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

لى ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى: «شىچېڭزى خارابىسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خارابىلىكنى قوغداشنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، بىر خارابىلىك باغچىسى قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا سۇلى شەھىرىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنى ساقلىغىلى، ۋارىسلىق قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىغا بۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەھەر ئورنى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ».


相关阅读