تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كاتتا زىياپىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش
【发布时间】2020-06-15  作者:xirenay  来源:新疆日报

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرىدا ئەتلەس توقۇش ھۈنىرى كۆرسىتىلمەكتە.

(سەي زېڭلې فوتوسى)

6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئارتىسلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەسئۇل بولغان 2020 - يىللىق شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مال سېتىۋېلىش بايرىمى پائالىيىتى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

دۆلىتىمىزنىڭ 15 - قېتىملىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى»نىڭ ئالدى - كەينىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مول مەزمۇنلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى نەق مەيداندا كۆرسىتىش، ئەمەلىي بۇيۇم كۆرگەزمىسى، كۆپ ۋاسىتىلىك كۆرسىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ھېس قىلدۇرۇلدى.

«كۆركەم بىر تال ئەتىرگۈل، سەيدىمارىيە...» 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، گۈزەل ناخشا - ئۇسسۇلغا جور بولۇپ، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مال سېتىۋېلىش بايرىمى پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ھەمتۈرتكە رايونى» «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە رايونى» «كۆرگەزمە تاختىسىدا كۆرسىتىش رايونى» قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپتى. تاش ئويما رەسىم، قەغەز قىيما، كەمپۈت ئادەم، خېمىر ھەيكەل، پۇرچ قونچاق قاتارلىق تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى.

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) قاتارلىق ئورۇنلار مەسئۇل بولغان 2020 - يىللىق تىيانشان رايونى «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» تونۇشتۇرۇش يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ياقۇت رەسىملەر، قولدا ئىشلەنگەن تېرە ئويما نەقىشلەر، مىللىي چالغۇلارنى ياساش قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنىڭ ۋارىسلىرى نەق مەيداندا كۆرسىتىش، كۆرسىتىش ئويۇنى قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىنى قانغۇچە ھېس قىلدۇردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى تور ۋە تور سىرتى پائالىيەتلىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ماھارىتى كۆرگەزمىسى، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى» لېكسىيەسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىش - نامايان قىلىش، «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» مەخسۇس تېمىلىق رادىيو ئاڭلىتىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ياسىمىچىلىقىنى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت يەتتە تۈرلۈك باش تېما پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى نەق مەيداندا 33 نەپەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە تور ئارقىلىق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ.

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېلىپ كەلگەن ساغلام تۇرمۇشقا ۋارىسلىق قىلىش» باش تېمىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كۆرسىتىش ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مال سېتىۋېلىش بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىي 12 خىلدىكى 400دىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەسىرىنى نامايان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغان جىمىسار كېپىنەك رەسىمى، سۆڭەك ئويما نەقىشى، كەشتە، توقۇلما بۇيۇم قاتارلىق ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى نۇرغۇن ئاھالىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە، سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى. قەغەز قىيما، كەشتە، توقۇلما قاتارلىق ھەر خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنىڭ ۋارىسلىرى نەق مەيداندا ئاھالىلەرگە ياساش ھۈنەر - سەنئىتى، ماھارىتىنى چۈشەندۈردى، كىشىلەرنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلىدى.

6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، قومۇلدىكى ئەل ئىچى ناغرا، سۇناي ۋارىسلىرى قومۇل مۇقام مەدەنىيەت مەيدانىدا مۇزىكا ئورۇنلاپ، قومۇل شەھىرىنىڭ 2020 - يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. نەقىش ئويۇلغان قاپاق، كەشتە تىكىلگەن خاتىرە دەپتەر، كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدىغان ساپال سەنئىتى...كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىدا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئامىللىرى سىڭدۈرۈلۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى بىرلەشتۈرۈلگەچكە، مەھسۇلاتلارغا يېڭى سودا قىممىتى ئاتا قىلىنغانىدى. قومۇل شەھىرى يىديەن كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى باۋ جىڭ 50 نەچچە خىل كەشتىچىلىك ئەسەرلىرىنى نەق مەيدانغا ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، مەيدانغا كىرىپ 20 مىنۇتتىلا، 400 نەچچە يۈەنلىك ئەسەرنى سېتىپ بولدى.

«ھەقىقەتەن بىر مەيدان قىزىقارلىق ھەم كۆركەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى زىياپىتى بوپتۇ، بۈگۈن پۇخادىن چىقتىم.» قومۇل شەھىرى ئاھالىسى جاۋ شۆمېي ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىشىم، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى زامانىۋى تۇرمۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن نامايان بولغان يېڭىلىق يارىتىش گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم.

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايان قىلىش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى باشلىدى. پائالىيەتتە دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدىكى جەمئىي 45 پارچە سۈرەت كۆرگەزمە قىلىندى. ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەن ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى گاۋ جيەنلىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇزاقتىن بۇيان مەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، بىز تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك».

6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتى خوتەن شەھىرىدە باشلاندى. شۇ كۈنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى نەق مەيداندا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ياساش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرسىتىش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش، مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، نەق مەيداندا كۆرسىتىلگەن گىلەم توقۇش ماھارىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەس توقۇش، بوياش ماھارىتى قاتارلىقلار ھەر مىللەت ئاممىنى قاتنىشىپ ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

(مۇخبىرلار جيا چۇنشيا، يۈ شى، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يې سۈي، خۇ شياۋشياۋ، خىسلەت، گۈلھايات)

相关阅读