دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى ئۆرپ-ئادەتلەر
【发布时间】2020-06-25  作者:xirenay  来源:天山网

 ماتېرىيال سۈرەت

تاڭزۇڭزا يېيىش

تاڭزۇڭزا — نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان يېمەكلىك، ئۇ ئاللىبۇرۇن يۈەنشياۋ بايرىمىدىكى تاڭيۈەن، جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى يۆبىڭغا ئوخشاش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ، بۈگۈنگە قەدەر، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يەنىلا چەكسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە.

ماتېرىيال سۈرەت

ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش

ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش — دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى ئەڭ مۇھىم مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، شىمالدىكى دەريا-كۆللەرگە يېقىن شەھەرلەردىمۇ ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئادىتى بار، بىراق كۆپىنچە ھاللاردا ئەجدىھا قولۋاق ئۇسسۇلى ئويناش قاتارلىق شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

خۇش پۇراق خالتىسى ئېسىش

خۇش پۇراق خالتىسى ئېسىش — دۇەنۋۇ بايرىمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ بىرى. خۇش پۇراق خالتىسىغا ئادەتتە زېھىننى ئاچىدىغان خۇش پۇراق جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى قاچىلىنىدۇ. بۇنىڭ، خۇش پۇراق تارقىتىش، قۇرت يوقىتىش، ۋابادىن ساقلىنىش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

ماتېرىيال سۈرەت

پېشانىگە زەرنىخ سۈركەش

دۇەنۋۇ بايرىمىدا زەرنىخنى بالىلارنىڭ پېشانىسىگە سۈركەش ئادىتى بويىچە، زەھەرلىك قۇرتلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ تىپىك ئۇسۇلى زەرنىخ ھارىقى بىلەن بالىلارنىڭ پېشانىسىگە «ۋاڭ» دېگەن خەتنى سىزىشتىن ئىبارەت. بۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن، زەرنىخ ئارقىلىق زەھەر ھەيدىگىلى بولىدۇ، ئىككىنچىدىن، يولۋاس ئارقىلىق ياماندىن ساقلايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

ئەمەن، ئېگىر ئېسىش

دۇەنۋۇ بايرىمىدا، كىشىلەر ئەمەن، ئېگىر سانجىشنى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى قىلىشىدۇ، ھەممە ئائىلە ھويلا-ئارانلىرىنى سۈپۈرۈپ تازىلايدۇ، ئېگىر، ئەمەن تاللىرىنى ئىشىكنىڭ ئۈستى تەرىپىگە سانجىپ قويىدۇ، ئۆينىڭ تورۇسىغا ئېسىپ قويىدۇ.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

相关阅读