لوپنۇر ناھىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت بويىچە پاكىز ناھىيە بازىرى بەرپا قىلدى
【发布时间】2020-08-19  作者:xirenay  来源:天山网

 تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر لى لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر چاڭ شۆخۇي): 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى «2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى دۆلەت بويىچە پاكىز ناھىيە بازىرى(يېزا-بازار)غا نام بېرىش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلىپ، لوپنۇر ناھىيەسىگە رەسمىي ھالدا دۆلەت بويىچە پاكىز ناھىيە بازىرى دەپ نام بەرگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنور ناھىيەسى شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىي 115 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر-يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى. ئۈمىد مەيدانى فۇنكسىيەلىك رايونى قۇرۇلۇشى، گىرانىت تاش پىيادىلەر يولى، تەنتەربىيە باغچىسى، سۈنئىي ئېكولوگىيە كۆلى، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىپ ئېكولوگىيەلىك قايتا پايدىلىنىش سۇ ئامبىرى، «خۇاخەي» ساياھەت باغچىسى، ساغلاملىق تەربىيەسى كوچىسى، ساغلاملىق پىيادىلەر يولى، تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش زاۋۇتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان(كېڭەيتىپ قۇرۇلغان) تۈرلەر ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  كېيىنكى قەدەمدە، بۇ ناھىيە ئىلگىرىكىدەكلا دۆلەتنىڭ پاكىز ناھىيە بازىرى ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، شەھەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «دۆلەت بويىچە پاكىز ناھىيە بازىرى» بەرپا قىلىپ، بۇ نەتىجىلەردىن كەڭ ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.