​ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 7- نۆۋەتلىك مۇسەللەس مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى دولان مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى
【发布时间】2020-10-19  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 7- نۆۋەتلىك مۇسەللەس مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، نۇرغۇن ساياھەتچىنى دولان مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. 

 7- نۆۋەتلىك مۇسەللەس مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمىنىڭ ھەر قايسى تارماق پائالىيەت مەيدانلىرىدا، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، دولان ئېسىل تائاملار كۆرگەزمىسى ھەمدە مۇسەللەس مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئېسىل دولان ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، قەدىمىي ئۇسۇلدا مۇسەللەس ئېچىتىش ھۈنەر- سەنئىتىنى كۆردى، ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا- بازارلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۆزگىچە تائاملىرىنى تېتىدى. خۇنەنلىك ساياھەتچى ليۇ پېي مۇنداق دېدى: تونۇر كاۋىپى، نان ۋە ھەر خىل ھەر ياڭزا مۇسەللەسلەرگە ئېغىز تەگدۇق، تەمى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمغا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك چۈشەندۈرىمەن. 

 ئاۋات ناھىيەسىنىڭ «جۇڭگو مۇسەللەس ماكانى»، «جۇڭگو دولان مەدەنىيىتى يۇرتى» دېگەن گۈزەل ناملىرى بار. قەدىمىي ئۇسۇلدا مۇسەللەس ئېچىتىش ھۈنەر- سەنئىتى ۋە دولان مەشرىپى ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئاۋات ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەدەنىيەتنىڭ تارىخىي مەزمۇنىنى تولۇق قېزىپ، ئۆرپ- ئادەت خاس بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، «قۇملۇقتا مەخپىيەتلىك ئىزدەش»، «مەدەنىيەت مەنبەسىنى ئىزدەش»، «دولان يىلتىزىنى ئىزدەش»، «يۇرتنى سېغىنىپ گۈزەللىك ئىزدەش» قاتارلىق تۆت ئېسىل لىنىيەنى بەرپا قىلىپ، دولان ناخشا- ئۇسسۇلى، دولان ئېسىل تائاملىرى، دولان ئۆرپ- ئادىتى، ئېكولوگىيە ساياھىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان خاس مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى تەرەققىيات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، «دولان ناخشا- ئۇسسۇلى-- ئاۋاتقا مۇھەببەت» مەدەنىيەت- ساياھەت ماركىسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ئاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. گۇاڭشىلىق ساياھەتچى چېن خۈيلىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ ئۈزۈمى بەك تاتلىق، كاۋىسى بەك چوڭ، قاپاقتىن ئىشلەنگەن بىر قىسىم قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى ناھايىتى قۇيۇق ئىكەن. كېيىن پۇرسەت بولسا، ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ، ئاۋات ناھىيەسىگە يەنە ساياھەتكە كېلىمەن.