جۇڭگو دىراما ۋە ئەلنەغمە مەدەنىيەت ھەپتىلىكىنىڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئاياغلاشتى
【发布时间】2020-11-06  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  جۇڭگو دىراما ۋە ئەلنەغمە مەدەنىيەت ھەپتىلىكىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى بولغان بويۈەن باغچىسى داڭلىق ئۆمەك، داڭلىق تىياتىرخانىلارنىڭ دىراما ئارتىسلىرى، يەرلىك ئۆمەكلەرنىڭ تىياتىرلىرى، دىراما ۋە ئەلنەغمە «پياۋيوۋ» مۇسابىقىسى، دىراما ۋە ئەلنەغمە ئاساسىي تېما رەقەملىك تەسىرات كۆرگەزمىسى، 5G بىۋاسىتە كۆرسىتىشى قاتارلىقلار ئارقىلىق مىليون كىشىنى توردا ئويۇن كۆرۈشكە جەلپ قىلىپ، ئېسىل نومۇلار كەينى- كەينىدىن ئورۇنلىنىپ، 180 مەيدان ئويۇن بىلەن كۈزدىكى بويۈەن باغچىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايەن قىلدى. دۆلەت جىڭجۈي تىياتىرخانىسى، بېيجىڭ جىڭجۈي تىياتىرخانىسى، شىمال كۈنچۈي تىياتىرخانىسى، جۇڭگو پىڭجۈ تىياتىرخانىسى، بېيجىڭ شەھىرى خېبېي باڭزى تىياتىر ئۆمىكى، بېيجىڭ شەھەرلىك چۈجۈ تىياتىر ئۆمىكى ۋە بېيجىڭ فېڭلېي جىڭجۈ تىياتىر ئۆمىكى قاتارلىق بېيجىڭدىكى دىراما ۋە ئەلنەغمە يۇرتلىرى، ئۆمەكلىرى، شۇنداقلا 30 دىن ئارتۇق ئەل ئىچى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى جىنشيۇگۇ مىڭتىيەن تىياتىرخانىسى، چۇڭچىڭيۈەن، شىجياجۇاڭيۈەن، شىئەنيۈەن، چاڭشايۈەن ھەمدە «يىنشىڭ» يولىدىكى «پياۋيوۋ» سەھنىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا 90 مەيداندىن ئارتۇق ئېسىل ئويۇن قويۇلدى. تاماشىبىنلار «باغ- ئورماندىكى ئەلنەغمە»، «ئەلنەغمە ئىچىدىكى باغ ـ ئورمان» گۈزەل مۇھىتىدا ئېسىل ئەلنەغمە مەدەنىيەت ئوزۇقىغا ئېغىز تېگىپ، ئېلىمىزنىڭ دىراما ۋە ئەلنەغمە گۈللەنگەن دەۋرىدىكى قويۇق كەيپىياتنى ھېس قىلدى.

  ئاممىۋىلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش جۇڭگو دىراما ۋە ئەلنەغمە مەدەنىيەت ھەپتىلىكىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، «پياۋيوۋ» مۇسابىقىسى كەڭ دىراما ۋە ئەلنەغمە ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىراما، ئەلنەغمە سەنئىتىدە كۈچ سىنىشىدىغان، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، دىرامما ۋە ئەلنەغمە ساھەسىدىكى داڭلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان سۇپا. بۇ نۆۋەتلىك دىراما ۋە ئەلنەغمە ھەپتىلىكىدىكى «پياۋيوۋ» مۇسابىقىسىدە ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك «جىڭجۈ تىياتىرى» يەككە تۈر ئاساسىدا «پىڭجۈ» ۋە «خېبېي باڭزى» مۇسابىقىسى كۆپەيتىلىپ، كۆپ خىل تىياتىر تۈرىدە ئېسىل نومۇرلار كەينى- كەينىدىن ئورۇندالدى.

  جۇڭگو دىراما ۋە ئەلنەغمە مەدەنىيەت ھەپتىلىكىنىڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئاياغلاشقان بولسىمۇ، لېكىن يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو دىراما ۋە ئەلنەغمە شۆيۈەنى ياردەم قىلىپ تەييارلىغان «ئارزۇنى نەشپۈتزارلىققا يەتكۈزۈش» دىراما ۋە ئەلنەغمە رەقەملىك تەسىرات كۆرگەزمىسى 11- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. كېيىن يەنە كوللېكتىپ ئالدىن كېلىشىپ ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جىڭجۈي تىياتىرى مەدەنىيەت سەپىرى قاتارلىق باش تېما پائالىيەتلىرىنى مەھەللە، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر 11- ئايغىچە داۋاملىشىپ، كۆپ مەنبەلىك دىراما ۋە ئەلنەغمە سەنئەت پائالىيەتلىرى بىلەن ئاۋام مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلىدۇ.

 

相关阅读