«<غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەشئەل پىلانى> بېيجىڭدا يولغا قويۇلدى
【发布时间】2020-11-11  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  يېقىندا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھكىمىسىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىدە جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى، تېڭشۈن ئۈندىدارى ئۇيۇشتۇرغان «غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ تارقىتىش مۇنبىرى» بېيجىڭدا ئېچىلدى. مۇنبەر ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئون نەچچە ئۆلكە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تارمىقى بىلەن بىرلىشىپ «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەشئەل پىلانى» نى يولغا قويۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىنى تارقىتىش ۋە بازار قىممىتىنى ئېچىشقا ياردەم بېرىپ، جۇڭخۇا غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشنى مەقسەت قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەشئەل پىلانى» ئۈچ جەھەتتىن كۈچ بېرىدىكەن. بىرىنچى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ «ئىجتىمائىي ئالاقە ئىسىم كارتىسى» نى بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى ئۈندىدار سىن نومۇرىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزگىچە بىر «ئىجتىمائىي ئالاقە ئىسىم كارتىسى» غا ئېرىشتۈرىدىكەن. ئىككىنچى، قىسقا سىن ئىجادىيىتى ۋە تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا دائىر قىسقا سىنلارنىڭ تارقىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى مەنپەتدارلىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇرىدىكەن. بۇ، مەزمۇن تىجارىتى، ئىجادىيەتچىلەر شۆيۈەنى، تور سىرتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ قىسقا سىن ئىجادىيىتى ۋە تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىكەن. ئۈچىنچى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قىممىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئالاقىدار سىن نومۇرى بىلەن ئاممىۋى نومۇر، كىچىك پروگرامما، بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق رەقەملەشتۈرۈش قوراللىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بازار قىممىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئېچىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

  مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋەكىللىرى، شۇنداقلا مەملىكەتتىكى قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلەردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم يېڭى دەۋردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تور يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى قوللىنىشتىن پايدىلىنىپ تارقىتىش، ۋارىسلىق قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمىدىن تەڭ بەھرىلەندى.

 

相关阅读