كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى قىزىل ساياھەت تەرەققىيات رايونىغا تاللاندى
【发布时间】2020-11-16  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «قىزىل ساياھەت تەرەققىياتىدىكى تىپىك مىساللارنى توپلاش، نامايان قىلىش پائالىيىتى» نى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل ساياھەت تەرەققىياتى تىپىك مىسالىدىن 60 نى تاللاپ چىقتى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى.

 ھەپتە ئاخىرىدا كېرىيە ناھىيە قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى يەنە بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. كۆپچىلىك چۈشەندۈرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ تەسىرلىك ئىش- ئىزلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. كىچىك ساياھەتچى ئايجامال مەمەت ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇشىمىز، مەكتەپ شارائىتىمىز ناھايىتى ياخشى، شۇڭا تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، قۇربان تۇلۇم روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمىز.

 كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى 2003- يىلى سېلىنغان بولۇپ، يېزىق، سۈرەت، ئۈن ـ سىن ۋە ماددىي بۇيۇم شەكلى قوللىنىلىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتەك دەۋر روھى تولۇق نامايان قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە، خاتىرە سارىيى نەچچە قېتىم كېڭەيتىپ سېلىنىپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بازىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ھەر يىلى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ساھىبجامال مەتروزى مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيەگە كېلىدىغانلار كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئادەتتە كۈنىگە 200 ـ 300 ساياھەتچى كۈتۈۋالىمىز، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كۈنىگە تەخمىنەن 3، 4 مىڭ ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالىمىز.

 

相关阅读