شىنجاڭدىكى ئالتە مەكتەپ يېزا-كەنتلەردىكى ئىللىق مەكتەپ تىپىك مىسالى مەكتىپىگە تاللاندى
【发布时间】2020-12-23  作者:mikray  来源:تىيانشان تورى

 شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا): يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى 100 يېزا ئىللىق مەكتەپ تىپىك مىسالى مەكتىپىنى بېكىتتى، شىنجاڭدىكى ئالتە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ تاللاندى.

  بۇ ئالتە مەكتەپ قورغاس ناھىيەسى لۇساۋگۇ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ، چەرچەن ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، بىڭتۇەن 7-شى 130-تۇەن گۇڭچىڭچېڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، 8-شى 143-تۇەن باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە 13-شى خۇڭشىڭ 1-مەيدان مەكتىپىدىن ئىبارەت.

  ئىگىلىنىشىچە، يېزا-كەنتلەردىكى ئىللىق مەكتەپ قۇرۇلۇشى خىزمىتى دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى شەھەر-يېزا بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات ۋە ئەلا سۈپەتلىك تەكشى تەرەققىياتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا-كەنت مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ بىناسى قاتارلىق «قاتتىق مۇھىت» بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەت قاتارلىق «يۇمشاق مۇھىت»نى بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا بالىلىرىنىڭ ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

  ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەت تۈرلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك قوللاش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىپىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەردىكى ئىللىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنت مائارىپىنىڭ تۆۋەن قىسمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك، يېزا-كەنتلەردىكى ئىللىق مەكتەپلەرنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

相关阅读