بېيجىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت تەسىرات بازىلىرىنى ئېلان قىلدى
【发布时间】2020-12-28  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت- ساياھەت تەسىرات بازىلىرىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بېيجىڭ «فېڭلېي» جىڭجۈي تىياتىر ئۆمىكى «گوسۈي» جىڭجۈي تىياتىر تەسىرات بازىسى، بېيجىڭ «جىڭرېن» مەدەنىيەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ «خۇڭشىڭ» پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 16 تەسىرات بازىسى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. 

  بېيجىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىياسەت تۈزۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىش ئارقىلىق، تۇنجى تۈركۈمدىكى 16 مەدەنىيەت ساياھەت تەسىرات بازىسىنى ئېلان قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېيجىڭ «فېڭلېي» جىڭجۈي تىياتىر ئۆمىكى «گوسۈي» جىڭجۈي تىياتىرى تەسىرات بازىسىدا، ساياھەتچىلەر جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ تارىخى، كىيىم- كېچەك، سەھنە جابدۇقلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلاپلا قالماي، يەنە جىڭجۈي تىياتىرى نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ، جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئۆگىنىپ، جىڭجۈي ئارتىسلىرىنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى ۋە جىڭجۈي تىياتىرى گىرىملىرىنى ھىس قىلالايدىكەن. بېيجىڭ «جىڭرېن» مەدەنىيەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى قەغەز مەدەنىيىتى باغچىسىدا ھەر خىل قەغەز ماتېرىياللارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ۋە بىۋاسىتە كۆرۈپ، ئۆز قولى بىلەن قەغەز چىراغ، يۇمىلاق يەلپۈگۈچ قاتارلىق ئەسەرلەرنى ياساش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. بېيجىڭ «خۇڭشىڭ» پاي چەكلىك شىركىتى ئەنئەنىۋى سانائەت ساياھىتىگە «بېيجىڭ ئەرگوتوۋ ھارىقىنى ئەنئەنىۋى ئېچىتىش ھۈنىرى» دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تەكشۈرۈش تۈرىنى سىڭدۈرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئۆز قولى بىلەن يېڭى ھاراق ئېچىتىش جەريانىدا، بېيجىڭ مەدەنىيىتىنى ھىس قىلالايدىكەن.

相关阅读