پۈتۈن شىنجاڭدىكى 755 تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتى چاغاننى كۈتۈۋالىدۇ
【发布时间】2021-02-02  作者:zulhumar  来源:天山网

 چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) 755 تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چاغىنىغا تۈس قوشىدۇ.

 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالتە چوڭ تۈرلۈك 755 مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، «شىنجاڭ ياخشى جاي — 8-نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا چاغاننى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى» 2-ئاينىڭ 4-كۈنى توردا قانات يايدۇرۇلىدىكەن، چۈنليەن، چاغانلىق رەسىم، مەززىلىك تائاملار، ئەلنەغمە، كوچا ئويۇنى ئويناش... چاغانغا مۇناسىۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە چاغانلىق ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى «بۇلۇت تېرمىنالى»غا يىغىلىدۇ، سىز ئۆيدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ، يان تېلېفوندىلا ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنالايسىز.

 چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت سارايلىرى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا ۋە مۇزېيلار شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش باش تېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى بايرام مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئېسىل پائالىيەتلەرنى يولغا قويىدۇ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا بىلەن جېجياڭ كۇتۇپخانىسى بىرلىكتە «چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا چاغان قانداق ئۆتكۈزۈلىدۇ»، «ھېس قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان قىزىل راۋاقتىكى چۈش داڭلىق ئەسەرلەردىكى چاغانلىق ئۆرپ-ئادەتلەر»، «چاغانلىق تاماقنىڭ ھېكايىسى» قاتارلىق 14 مەيدان تور پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ؛ ئاقسۇ، قۇمۇل، تۇرپان، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى مۇزېيلار، 4D چۆكتۈرۈش شەكلىدىكى ھەمتۈرتكىلىك سىناق قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكا ۋە مەۋھۇم تېخنىكىلار ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشتۇرۇپ، چۆكتۈرۈش شەكلىدىكى تۇيغۇدىن بەھرىمەن قىلدى.

 ئەگەر سىز ئۆيدىن چىقىپ، قار-مۇز بىلەن يېقىن ئارلىقتا ئۇچراشماقچى بولسىڭىز، ھەرقايسى جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى، چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا «قار-مۇزنىڭ سېھرىي كۈچى، كۆك مۇزلۇقتا ئۇچرىشىش» 5-نۆۋەتلىك قار-مۇز ساياھەت پەسلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، 19-نۆۋەتلىك تىيانشان بوغدا كۆلى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمىمۇ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، قار-مۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئەنئەنىۋى چاغانغا يەنىمۇ تۈس قوشىدۇ.

 

相关阅读