شىنجاڭ مۇزېيى سىزنى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىش»كە تەكلىپ قىلىدۇ
【发布时间】2021-03-01  作者:xirenay  来源:تىيانشان تورى

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مېي خەۋەر قىلىدۇ): «دۆلەت خەزىنىسى» ۋە «ناۋادا دۆلەت گۆھەرلىرى سۆزلىيەلىسە»نى كۆرگەندە، سىزدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولغانمۇ؟ سىز ئۆزىڭىزدىكى ئىجادچانلىقنى جارىي قىلدۇرۇپ، يۇرتىڭىزدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئۈچۈن سۆزلىيەلەمسىز؟ يېقىندا، شىنجاڭ مۇزېيى كۆپچىلىكنى مۇزېيدا ساقلانغان ئالتە يۈرۈش قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھەققىدە ھېكايە يېزىشقا تەكلىپ قىلدى.

تۇرپان ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان تاڭ سۇلالىسىگە ئائىت «فۇشى نۈۋانىڭ سۈرىتى».

ئىلى قورغاس ناھىيەسى ئالمالى قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت «ئەجدىھا نەقىشلىك بۇيۇم».

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مۇزېيىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم تاللانغان ئالتە يۈرۈش قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نىيە ناھىيەسى نىيە خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان خەن سۇلالىسىگە ئائىت «دېھقانچىلىق مەھكىمىسىنىڭ مۆھۈرى»، لوپنۇر ناھىيەسى يىڭپەن قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان خەن سۇلالىسىگە ئائىت «ئادەم، ھايۋان، دەرەخلەر نەقىشلەنگەن قىزىل نىمچە»، باي ناھىيەسى قىزىل مىڭئۆيىدىكى «قىزىل 38-ئۆڭكۈرى»، تۇرپان ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان تاڭ سۇلالىسىگە ئائىت «رەڭدار نەقىشلىك پادىشاھنىڭ جىن-شاياتۇننى دەسسەپ تۇرغان ھەيكىلى»، تۇرپان ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان تاڭ سۇلالىسىگە ئائىت «فۇشى نۈۋانىڭ سۈرىتى»، ئىلى قورغاس ئالمالى قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن قېزىۋېلىغان يۈەن سۇلالىسىگە ئائىت ئەجدىھا نەقىشلىك بۇيۇم» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ مۇزېيى جەمئىيەت تەربىيەسى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى نيې مېڭياۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ مۇزېي جەمئىيەتتىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىي ھېكايىلىرى قوبۇل قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنى ئۆز جايىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى بايان قىلىشقا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلماقچى بولغان.

باي ناھىيەسى قىزىل مىڭئۆيىدىن قېزىۋېلىنغان «قىزىل 38-ئۆڭكۈرى».

تۇرپان ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان تاڭ سۇلالىسىگە ئائىت «رەڭدار نەقىشلىك ھەيكەل».

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئەسەر توپلاش شۇ كۈنىدىن باشلاپ 3-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولىدىكەن. قاتناشقۇچىلار شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنى قوشۇۋېلىپ بۇ ئالتە يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ سۈرىتى ۋە مەزمۇنىنى چۈشىنىپ، ئىجادىيەت قىلسا بولىدىكەن. ماقالە ئەۋەتىشتە قاتناشقۇچىلارنىڭ يېشى 12 ياشتىن يۇقىرى بولۇش، تارىخىي پاكىتلاردىن چەتنەپ كەتمىگەن ئاساستا، ھېكايە ۋەقەلىكىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىجاد قىلىش، ماقالىنىڭ خەت سانىنى 5000 خەت ئىچىدە كونترول قىلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. ماقالىنى Word ھۆججىتى شەكلىدە xjmuseum@163.com دېگەن ئېلخەت ساندۇقىغا يوللاش، ئېلخەت ساندۇقىغا يوللىغاندا ئىجادىيەتچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى ۋە كونكرېت ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ باشقۇرغۇچى تەرەپ ۋېيشىن، ۋېيبو سۇپىسىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

نىيە ناھىيەسى نىيە خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان خەن سۇلالىسىگە ئائىت «دېھقانچىلىق مەھكىمىسىنىڭ مۆھۈرى».

لوپنۇر ناھىيەسى يىڭپەن قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان خەن سۇلالسىسىگە ئائىت «ئادەم، ھايۋان، دەرەخلەر نەقىشلەنگەن قىزىل نىمچە».