دۆلەت A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى-- قەشقەر قەدىمىي شەھىرى
【发布时间】2021-08-30  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 شىنجاڭدىكى قەشقەر-- دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر. يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن تارىخى 2 مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ. ئۇ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى ئوتتۇرا يول بىلەن جەنۇبىي يولىنىڭ كېسىشكەن جايىدا. بۈگۈنكى قەشقەردە قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق گىرەلىشىپ، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرما جەلپكارلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنىڭ چەكسىز تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى نامايان بولماقتا. 

  سەھەردە، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، جاھاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ قەدىمىي شەھەرگە كىرىشكە باشلايدۇ. 

  قەدىمىي شەھەرنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىدا ئالدىرىماي ماڭغاندا، گۈل نەقىشلەنگەن ئۆيلەر، قويۇق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشىك- دېرىزە نەقىشلىرى، تىڭ- تاڭ قىلغان تۆمۈر قوراللارنىڭ ئۇرۇلغان ئاۋازى، يول بويىدىكى بىر توپ ئاياللارنىڭ ماھىر قوللىرى بىلەن دوپپا تىكىۋاتقان كۆرۈنۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قېلىپتا ساپال قۇيۇش، چالغۇ ياساش، مىس ئويمىچىلىق ھۈنەر- سەنئىتى قاتارلىقلارنى كۆرگەن كىشى ئىختىيارسىز ھەيرانلىق ئىلكىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ پەقەت بىر شەھەرنى قوغداپلا قالماي، يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. 

  قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ھۈنەر- سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن نۇرغۇن ھۈنەرۋەنلەر بار. توقۇمىچىلىق، مىس، تۆمۈر بۇيۇم ھۈنەر- سەنئىتى قاتارلىق تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت بۇ يەردە تارىخىي ئىزنالارنى قالدۇرغان. چالغۇ دۇكانلىرىغا ساپ قولدا ياسالغان دۇتار، راۋاپ قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە چالغۇلار دۇكانغا لىق تىزىلىدۇ. 

  ئەلۋەتتە، قەدىمىي شەھەرنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەن بۈگۈنكى زامانىۋىيلىقى ھەرگىزمۇ زىت كەلمەيدۇ. ھازىر قەدىمىي شەھەردىكى ياشلار قەھۋەخانا، مۇزىكاخانا، ئۆزگىچە سەھرا قونالغۇسى تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىن تاللىشى قىلدى. 

  «كونا شەھەر بۇلۇڭى» قەھۋەخانىسى قەدىمىي شەھەردىكى يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن «توردا ئالقىشلانغان» قەھۋاخانا بولۇپ، قەھۋەخانا ئىگىسى مەردان ئابلىمىت «85- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» ياش. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەر ئەسلىدە بىر ئىسكىلات بولۇپ، بېزىگەندە ئۇ «كونىغا ئاساسەن يېڭىدىن ياساش» نى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى تۇرالغۇلىرىدىكى توپا تامنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئاندىن ئۇنىڭغا يەرگىچە ياسالغان رەڭلىك ئەينەك دېرىزە بېكىتىپ، كونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن يېڭىچە مودا ئامىلنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يەرگە كەلگەن ياش ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلغان. 

  قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى سىرتتىن كەلگەن بىر قىسىم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ئۇلار بۇ يەردە قېلىپ ئىجادكارلارغا ئايلىنىپ، قەدىمىي شەھەر بىلەن يۇغۇرۇلدى. سىچۈەنلىك قىز جاڭ ساشىيا(张萨夏) دەل ساياھەتچىدىن ئىجادكارغا ئايلانغان ياش. «90- يىللاردا تۇغۇلغان» جاڭ ساشيا تۇنجى قېتىم قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كەلگەندە بۇ يەردىكى قىزغىن، ئاددىي- ساددا كىشىلەر ۋە قويۇق ئۆرپ- ئادەت ئۇنى تەسىرلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەردە قېلىپ بىر ئالاھىدە ئىچىملىك دۇكىنى ئاچىدۇ. ئۇ يەنە نۇرغۇن قەدىمىي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيى، شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى تارتىدۇ ھەمدە ئۇلاردىن ئاتكرىتكا ياساپ، ساياھەتچىلەرگە يىراقتىكى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىگە ئەۋەتىشكە بېرىدۇ. جاڭ ساشاغا ئوخشاش سىرتتىن كەلگەن ئىجادكارلار قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرگە تونۇتتى، ئېتىراپ قىلدۇردى. 

  قەشقەر شەھىرى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن. بۇ يەردە سائەت 22 گە يېقىن تۈن پەردىسى ئاندىن ئۈزۈل- كېسىل يېپىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئېكسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلىدىغانلار بارا- بارا تارقىلىپ، تاماق يېيىش، چاي ئىچىش قاتارلىق ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى قىزىشقا باشلايدۇ.