ئارغامچا سەكرەش- بەدەندىكى ماينى خورىتىدىغان بىر خىل ئۈنۈملۈك ھەرىكەت
【发布时间】2019-10-06  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

ئارغامچا سەكرەش- بەدەندىكى ماينى خورىتىدىغان بىر خىل ئۈنۈملۈك ھەرىكەت. تەجرىبىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەم مىنۇتىغا 140 قېتىمدىن ئۇدا 10 مىنۇت ئارغامچا سەكرەپ بەرسە، 30 مىنۇت ئاستا يۈگۈرگەنگە باراۋەر بولىدىكەن. شۇڭا بۇ خىل ھەرىكەت، ئالدىراش خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ قوللىنىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن. ئۇنداقتا، ئارغامچا سەكرەش ھەرىكىتى ئىشلەش ئۈچۈن، قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش كېرەك؟

▲ بىرىنچىدىن، ئارغامچا سەكرەش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئارغامچىنى تاللاڭ. ئارغامچا سەكرەشتىن ئىبارەت بۇ ھەرىكەتتە رېتىم، تەڭپۇڭلۇق، سۈرئەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل كەم بولسا بولمايدۇ. ئەگەر ئارغامچىنىڭ ئېغىرلىقى ياكى ئۇزۇنلۇقى مۇۋاپىق بولمىسا، سەكرەشنى ئۇزۇنراق داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قول بېغىشىغا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئارغامچا سەكرەشتىن بۇرۇن، ئارغامچىنى توغرا تاللاش كېرەك. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

▲ ئارغامچا تاللىغاندا ماتىريالىنى ياخشى تاللاش كېرەك.

بازاردا سېتىلىۋاتقان ئارغامچىلارنىڭ كاۋچۇك، پاختا يىپ، نىلون، سۇلياۋ قاتارلىقلاردىن ياسالغان كۆپ خىل تۈرلىرى بار، ئەگەر سىز ئەمدىلا ئارغامچا سەكرەشنى مەشىق قىلىشقا باشلىغان بولسىڭىز، سەكرىگەندە ئاسان يىغىلىۋالمايدىغان، سۈزۈك ھەم ئۇيۇل سۇلياۋ ئارغامچىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

▲ ئارغامچا تاللىغاندا توم- ئىنچىكلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئارغامچىنىڭ توملۇق دەرىجىسى ئىشلىتىلىش ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى دىيامېتىرى 4.5 مىللىتىمېتىردىن 5 مىللىمېتىرغىچە، بىر قەدەر ئىنچىكە ھەم بەلگىلىك ئېغىرلىقتىكىلىرىنى تاللاش كېرەك.

▲ ئارغامچا تاللىغاندا ئېغىرلىقىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئارغامچا سەكرەشتە بەلگىلىك ئېغىرلىق بولغاندىلا ئاندىن ئۇنى پۇلاڭلاتقىلى بولىدۇ. لېكىن بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە، سەكرەش جەريانىدا ئۇچرايدىغان ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى چوڭىيىپ كېتىپ، بەدەن بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئارغامچا تاللىغاندا، ئالدى بىلەن ئون ساناق يېنىكرەك، سىناپ سەكرەپ بېقىڭ، ئەگەر بېغىشىڭىز بەك كۈچەپ كەتكەندەك ھېس قىلسىڭىز، ئۇنىڭدىن يېنىكرەكىنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىڭ.

▲ ئىككىنچى، ئارغامچا سەكرەشتىن ئاۋۋال، مۇۋاپىق ئۇزۇنلۇقتىكىنى تاللاڭ. ئارغامچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە ماسلىشىشى كېرەك، ئۇزۇنلۇقى مۇۋاپىق بولغان ئارغامچا باش ۋە پۇت ئاستىنى ئايلىنىپ ئۆتەلەيدۇ، ئارغامچا بەك ئۇزۇن ياكى بەك قىسقا بولۇپ قالسا، ئارغامچا سەكرەش ھەرىكىتىگە ماس كەلمەيدۇ. ئىككى پۇت بىلەن ئارغامچىنىڭ ئوتتۇرىسىنى دەسسەپ، ئىككى قول بىلەن ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى دەستىسىنى تارتىپ مەيدىسى ياكى ئۇنىڭدىن سەل تۆۋەن ئورۇنغا كەلگىنى مۇۋاپىق ئۇزۇنلۇقتا بولغان بولىدۇ.

▲ ئۈچىنچىدىن، ئارغامچا سەكرىگەندە مۇۋاپىق ئورۇننى تاللاڭ.

ئارغامچا سەكرەشنىڭ مەيدانغا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، ئادەتتە تەكشى يەر يۈزى، بەلگىلىك ئېلاستىكلىققا ئىگە ۋاسكېتبول مەيدانى، پىلاستىك يۈگۈرۈش يولى، يۇمشاق ـ قاتتىقلىقى مۇۋاپىق چىملىق، ياغاچ پول بولسىلا بولىدۇ. يۇمشاق يەر يۈزىدە ئارغامچا سەكرىگەندە بەدەن تۆۋەنلىگەن چاغدىكى زەربە كۈچىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقى مەيدانلار بولمىسا، پەقەت سېمونت يەردە ئارغامچا سەكرىگەندە، ئارغامچا سەكرەش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، يەل تاپانلىق تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىش ئارقىلىق، سەكرەپ يەرگە چۈشكەندىكى زەرب كۈچىنى ئىمكانقەدەر پەسەيتىش كېرەك.

▲ تۆتىنچىدىن، ئارغامچا سەكرىگەندە مۇۋاپىق تەنھەرىكەت جابدۇقلىرىنى تاللاڭ.

ئارغامچا سەكرەش پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ھەرىكەت بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى بوغۇملارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى چوڭ بولىدۇ، شۇڭا، كىيىم تاللىغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

▲ بەدەنگە ماس كېلىدىغان ھەم كەڭرەك راھەت تەنھەرىكەت كىيىملىرىنى تاللاڭ، بۇ بوغۇملارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا قولايلىق؛

▲ ئارغامچا سەكرەش ئۈچۈن، تاللىغان تەنھەرىكەت كىيمىدىكى رەختتىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى ۋە سۇ سۈمۈرۈشى، تەرنىڭ پارغا ئايلىنىشىغا قولايلىق بولۇشى كېرەك؛

▲ ئارغامچا سەكرەش ئۈچۈن قىش پەسلىدە يەنە بىر قۇر ئىسسىق ساقلاش كىيىمى تەييارلاپ، ھەرىكەتنىڭ ئالدى ـ كەينىدە كىيىپ، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

▲ ئارغامچا سەكرەش ئۈچۈن تەۋرەشتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى ياخشى تەنھەرىكەت ئايىغى تاللاش، خۇرۇم ئاياغ، نېپىز چەملىك لاتا خەي، قاتتىق چەملىك ئاياغ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئارغامچا سەكرەشكە ماس كەلمەيدۇ.

▲ ئارغامچا سەكرەشنىڭ ئالدى- كەينىدە بەدەن قىزىتىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەڭ. ئارغامچا سەكرەشتىن بۇرۇنقى بەدەن قىزىتىش مەشىقىنىڭ ئىككى خىل رولى بار: بىرى، سۆڭەك، مۇسكۇل، پەيلەرنىڭ سوزۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئىككىنچىسى، ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن يۈرەك مۇسكۇل تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

▲ ئادەتتە ئارغامچا سەكرەشتىن بۇرۇن پۇت مۇسكۇلى، بەل ـ قورساق مۇسكۇلى، مۈرە مۇسكۇلىنى سوزۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەش بىر قەدەر مۇۋاپىق، يەنە مۈرە بوغۇمى، تىز بوغۇمى، ئوشۇق بوغۇمىنى ئايلاندۇرۇپ، بوشاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلىسىمۇ بولىدۇ. ئارغامچا سەكرىگەندىن كېيىنمۇ سوزۇلۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش ئارقىلىق مۇسكۇل ئاغرىقىنى پەسەيتىش كېرەك.

قوللىنىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن. ئۇنداقتا، ئارغامچا سەكرەش ھەرىكىتى ئىشلەش ئۈچۈن، قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش كېرەك؟