قانداق كىشىلەر چېنىقىشقا ماس كەلمەيدۇ؟
【发布时间】2019-10-07  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

▲ نۇرغۇن كىشىلەر تەنھەرىكەتنىڭ ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بارلىقىنى بىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر «ھاياتلىق ھەرىكەتتە» دېيىشىدۇ. دەرۋەقە، چېنىقىش، ھەرىكەت قىلىش ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق، توغرا چېنىقىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەندە، چېنىقىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. چېنىقىش جەريانىدا ۋاقىتنى ياخشى كونترول قىلىپ، توغرا چېنىقىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، تۇرمۇشتا ھەممىلا ئادەمنىڭ چېنىقىشقا ماس كېلىشى ناتايىن، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەندە، چېنىقىش ئەكسىچە بەدەننىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا، قانداق كىشىلەر چېنىقىشقا ماس كەلمەيدۇ؟ 

▲ بىرىنچىسى، تېنى ئىنتايىن ئاجىز كىشىلەر چېنىقىشقا ماس كەلمەيدۇ.

ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان كىشىلەر چېنىقسا بولمايدۇ. چۈنكى، كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلارنىڭ تېنى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى ئۇلار تېنچ ئارام ئېلىپ، بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلىشى كېرەك. ئەگەر ئېغىر كېسەل بولغاندا يەنە زورۇقۇپ چېنىقسا، ئەكسىچە جىسمانىي زەخىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر كېسەل كىشىنىڭ تېنى زەخمىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بەلكىم بۇ ئۆلۈمنى تېزلىتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، تېنى ئىنتايىن ئاجىز كىشىلەر، ئەڭ ياخشىسى كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشى، مۇۋاپىق داۋالىنىش ئارقىلىق كېسىلىنى ياخشىلىشى، چېنىقماسلىقى، ئارتۇق ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.

▲ ئىككىنچىسى، يۈرەك سانجىقى ئاغرىقلىرى چېنىقىشقا ماس كەلمەيدۇ.

يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار كېسىلى قوزغالغان مەزگىلىدە چېنىقىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، يۈرەك سانجىقىنىڭ پەيدا بولۇشى يۈرەك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە ئاسانلا يۈرەك سانجىقى كۆرۈلىدۇ، يۈرەك سانجىقى قوزغالغاندا يۈرەكنىڭ ئاغرىش سېزىمى ناھايىتى روشەن بولىدۇ، ئەگەر ئېغىر تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بارلار دائىم چېنىقسا، ئەكسىچە سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا باشقا ناچار كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك سانجىقى ئېغىرلاشقاندا، يەنە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولغانلار، ئېغىر ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، بۇنداق چاغدا دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، شۇ ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى توغرا كونترول قىلىش كېرەك، بولمىسا يۈرەك سانجىقى پەيدا بولغاندىن كېيىن نورمال تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر يېتىشى مۇمكىن، پەقەت تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ياخشى كونتۇرول قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردىكى چېنىقىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللانسا، ئاندىن بەدەنگە ئېغىر كەلمەيدۇ. 

▲ ئۈچىنچىسى، تىز بوغۇمى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى كېسىلى ئاغرىقلىرى چېنىقىشقا ماس كەلمەيدۇ.

تۇرمۇشتا ھەممە ئادەم چېنىقىشقا ماس كېلىۋەرمەيدۇ، بولۇپمۇ تىز بوغۇمى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى پەيدا بولغان كىشىلەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، بۇ ۋاقىتتا چېنىقىش بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ. تىز بوغۇمى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ئاغرىقلىرىنىڭ كېسەللىك ئورنى غىدىقلانغاندىن كېيىن، روشەن ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا يەنە قاتتىق ھەرىكەت قىلسا، تىز بوغۇمى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا مەزكور ئورۇننىڭ ئاغرىق سېزىمى ئېشىپ، تىز بوغۇمىنىڭ قېرىشى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا، تىز بوغۇمى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى كېسەللىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق بەدەننى ئاسراش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاقتىدا داۋالىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى كونترول قىلىش كېرەك، بۇ چاغدا دائىم چېنىقىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، بەدەن زەخىملىنىپ، كېسەللىك ئەھۋاالى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۈمكىن.