قانداق قىلغاندا ھورۇنلۇقنى تۈگىتىپ، چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ
【发布时间】2019-10-07  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

▲ چېنىقىشنىڭ پايدىسىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئالدى بىلەن چېنىقىشنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىلىق تەرەپلىرىگە قاراپ باقايلى:

بىرىنچىدىن، چېنىقىش يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي مېتابولىزىمنى تېزلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

▲ ئىككىنچىدىن، چېنىقىش- بەدەننىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سىزنى تېخىمۇ تەمكىن ھالدا كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا يۈزلەندۈرىدۇ.

▲ ئۈچىنچىدىن، چېنىقىش ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ خورىشىنى تېزلىتىپ، ياخشى بەدەن شەكلىنى ساقلاپ، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ.

▲ تۆتىنچىدىن، چېنىقىش دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

▲ بەشىنچىدىن، چېنىقىش كەيپىياتنى ياخشىلاپ، تەشۋىشلىنىش ۋە مەيۈسلىنىشتەك ئىككى خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ناچار كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ.

▲ ئەمدى چېنىقىشنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان پايدىلىق تەرەپلىرىگە قاراپ باقايلى:

بىرىنچىدىن، چېنىقىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئورۇقلىغىلى بولىدۇ، سېمىزلىك نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرىلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىل، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىشتا، ئالدى بىلەن سېمىزلىكنى كونترول قىلىش كېرەك.

▲ ئىككىنچىدىن، چېنىقىش يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارمۇ چېنىقىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى چۈشۈرەلەيدۇ.

▲ ئۈچىنچىدىن، چېنىقىش دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چېنىقىش دىيابېت كېسىلىنى داۋالايدىغان مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى.

▲ تۆتىنچىدىن، چېنىقىش كۆپ خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. مەسىلەن: ئۈچەي راكى، تۈز ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، جىگەر راكى، ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكى قاتارلىقلار. چېنىقىش ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

▲ بەشىنچىدىن، چېنىقىش قاندىكى ماي مىقدارىنى چۈشۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىش، يۈرەك، قان- تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېنىقىش يۈرەك ساغلاملىقىنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى.

▲ ئالتىنچىدىن، چېنىقىش سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇ ياشانغانلاردىكى سۆڭەك چۈرۈكلىشىش سەۋەبىدىن، يىقىلىپ پۇت- قولى سۇنۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

▲ چېنىقىش سىزگە «ئاۋۋال ئاچچىق، كېيىن تاتلىق»نىڭ تەمىنى تېتىتىدۇ.

ئادەتتىكى چۈشەنچىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەملەرنىڭ تەبىيىتى ئۇلارنىڭ بارلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ يىغىندىسىدۇر، ئادەمنىڭ ماھىيەتلىك پىسىخىكىلىق خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا، ھەممە راھەت - پاراغەتكە ئىنتىلىدۇ. ئەمما چېنىقىش ھورۇنلۇق، يېمەك-ئىچمەككە بېرىلىش، راھەت تۇيغۇ ئىزدەشكە قارشى تۇرىدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، چېنىققاندىن كېيىن ئادەمدىن كۆپ مىقداردا تەر ئاجرىلىپ چىقىپ، ھاسىراپ، پۇت- قوللار سىرقىراپ ئاغرىيدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خىل ئەھۋالدىن راھەت ياتقان ياخشى. لېكىن چېنىققاندىن كېيىن، ئىچكى پېپتىد قاتارلىق خۇشاللىق ھورمۇنلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى سەۋەبىدىن، ئوخشاشلا روھلۇق كەيپىياتنى تاپالايسىز، ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن خۇشاللىقىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.

▲ قانداق قىلغاندا ھۇرۇنلۇقنى يەڭگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، چوقۇم چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا ئەمەل قىلىدىغان بىر قانچە نۇقتا بار. 

▲ چېنىققاندا، نەپەس يېتىشمىگۈدەك ھالغا كەلگۈچە ھەركەت قىلغاندا ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ، دەپ قاراش توغرا ئەمەس؛ ئوتتۇراھال سىجىللىقتىكى چېنىقىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار.

▲ چېنىقىشقا بولغان تەلەپنى يۇقىرى قويىۋېلىپ، ھەر كۈنى چېنىقىمەن دەپ تۇرىۋالماي، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم چېنىقىشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق.

▲ ۋاقىت چىقىرىپ، پارچە- پۇرات ھەرىكەتلەر ئارقلىق چېنىقىشمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

▲ چېنىققاندا بىراقلا كۆپ مىقداردا ياكى ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلىۋالماي، تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، ئاستا- ئاستا ھەرىكەت قىلىشقا ماسلىشىش كېرەك. 

▲ چېنىققاندا ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە چېنىقسا، ئادەمنىڭ ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ، چېنىقىش ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ.

▲ چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلەرگە نىسبەتەن، چېنىقماسلىق كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىش؛ چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەقىقەتەن تەس، چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش- كۈچلۈك ئىرادە بولۇشتىن سىرت، يەنە توغرا بولغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى تېپىشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.