كۈز پەسلىدە ئىستېمال قىلىشقا ماس كېلىدىغان مېۋىلەر
【发布时间】2019-10-07  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

▲ بىرىنچىسى، كۈزلۈك نەشپۈت

نەشپۈت كۈزلۈك مېۋە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېتى يۇمران ۋە شىرنىلىك بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، نەملىكنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە. نەشپۈت، ئۆپكە، كانايچە ۋە يۇقىرى نەپەس يولىغا نىسبەتەن نەملىك ساقلاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى مېۋە ھىساپلىنىدۇ. يەنە ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئىشتىھانى ئېچىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئەلۋەتتە نەشپۈتىنى بىۋاستە يېيىشتىن باشقا، كۈزلۈك نەشپۈتتا مۇراببا قاينىتىپ يېيېىشمۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇل. بەلكىم نۇرغۇن ئۆيلەردە كۈزلۈك نەشپۈت مورابباسى بولماسلىقى مۇمكىن، ئۆيدە ئىمكان بولسا نەشپۈتتىن مۇراببا تەييارلاپ قويساق، ناۋادا ئۆيىدىكلەر زۇكامداپ يۆتىلىپ قالغاندا، كۈنىگە بىر نەچچە قوشۇق نەشپۈت مۇرابباسى يەپ بەرگەندە، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، زۇكام ۋە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

▲ ئىككىنچىسى، ئۈزۈم

ئۈزۈمنىڭ ھەممە يېرىنى گۆھەر دېيىشكە بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۈزۈم ئۇرۇقىدىكى سىئانىدىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى، ۋىتامىن C نىڭكىدىن 18 ھەسسە كۆپ. ئۈزۈم تەركىبىدە يەنە مول مىقداردا مىنېرال ماددا ۋە فلاۋونوئىدلار بولۇپ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى توسىدۇ. شۇڭا، كۈزدە دائىم ئۈزۈم يەپ بەرگەندە، قاننى قۇۋۋەتلەپ، يۆتەلنى توختىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

▲ ئۈچىنچىسى، نېلۇپەر ئۇرۇقى (ليەنزى)

نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا تۆمۈر ۋە فوسفور بار. ھەممىمىزگە ئايانكى، كۈز پەسلىدە ئادەم بەدىنى ئاسانلا قۇرغاقلىشىدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا نېلۇپەر ئۇرۇقى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەندىكى ئىسسىقىنى پەسەيتىدۇ. جۇڭگو تىبابىتىدە نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ تال، يۈرەك ۋە بۆرەكنى قۇۋەتلەيدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تالنى قۇۋۋەتلەپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىپ، بۆرەكتىكى زەھەرنى تازلاش رولىنى ئوينايدۇ.

▲ تۆتىنچى، گۈلسامساق، يەنى بەيخې

بەيخې تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن ۋە ئاقسىل بار، تەبىئىيىتى نەمخۇش، ھازىرقى پەسىلگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. جۇڭگو تىبابىتىدە بەيخې يۈرەك، ئۆپكىنى قۇۋەتلەيدۇ. بەدەننىڭ مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ، يۈرەكنى تېنىچلاندۇرىدۇ، بەدەننىڭ مەنپىيىلىكى ئاجىزلاش سەۋەبلىك ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا يۆتىلىش، ئىچى تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

▲ بەشىنچىسى، چىلان

چىلاننىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش، قاننى جانلاندۇرۇش، نېرۋىنى تېنچلاندۇرۇش خۇسىيتىگە ئىگە ئېسىل مەھسۇلات. يېڭى چىلان تەركىبىدە ۋىتامىن C بىر قەدەر مول بولۇپ، كۈنىگە ئۈچ تال چىلان يەپ بەرسە، قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. چىلاننى خام يېگەنگە قارىغاندا چىلان دۈملىمىسى قىلىپ يەپ بەرسە ئاسان ھەزىم بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىز كىشلەرگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئادەتتە بەش تال چىلان بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى ئالىقاتنى پاكىز يۈيۋېتىپ قايناقسۇدا دەملەپ ئىچسە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا شوۋىگۈرۈچ قايناتقاندا چىلاندىن بىر نەچچە تال قۇشىۋەتسە، بەدەندىكى نەملىكنى ھەيدەيدۇ.

▲ دورىغا تايىنۋالغاندىن كۆرە، يېمەكلىك ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلىغان ياخشى. ئادەتتە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، سالامەتلىكنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئاندىن ساغلام بولغىلى، ئاغرىق ـ سىلاقتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك يېمەك ـ ئېچمەكلەرنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ئىلمى غىزالىنىش ساغلاملىقنى ئاسراشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش.