تەيچۇر ئويۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ساغلاملىقىمىزغا بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى
【发布时间】2019-10-08  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ▲ قەدىرلىك دوستلار، نېمىشقا تەيچۇر (بىليارت) ئوينايدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ؟ چۈنكى تەيچۇر ئويناش مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي ئالاقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەقىقەتەن تەيچۇر ئويناش ھازىرقى زاماندىكى بىرىنچى كۆڭۈل ئېچىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، تەيچۇر ئويۇنىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

▲ بىرىنچىدىن، تەيچۇر ئويۇنى، بىخەتەر ھەم قولايلىق. تەيچۇر ئۆي ئىچى تەنھەرىكىتى بولۇپ، پەسىل، كىلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. تىكتاك توپ ئۈستىلىنى قويغىلى بولىدىغان جايغىلا بىر تال تەيچۇر ئۈستىلى قويغىلى بولىدۇ، ئەمەلىي ئېھتىياجلىق بوشلۇق، تىكتاك توپ ئېھتىياجلىق بولغان بوشلۇقتىنمۇ كىچىك بولىدۇ. تەيچۇرنى بىر ئادەم ئويناپ، مەشىق قىلسىمۇ، ئۈچ ئادەمدىن بەش ئادەمگىچە ئورتاق قاتناشىپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ.

▲ ئىككىنچىدىن، تەيچۇر پائالىيىتىدە، كۈچلۈك بەدەن ھەرىكىتى بولمايدۇ، ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسىغا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلمايدۇ. پەقەت ئۆرە تۇرالايدىغان، تەيچۇر تايىقىنى تۇتالايدىغانلا بولسا، كۈچى بولسۇن- بولمىسۇن، سەۋىيىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشىدىن قەتىينەزەر ھەممىسى قاتنىشالايدۇ، ياش ۋە جىنىس چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. تەيچۇر ئويۇنىنىڭ ھەرىكەت ئۆمرى باشقا توپ تۈرلىرىدىن ئۇزۇن بولىدۇ.

▲ ئۈچىنچىدىن، تەيچۇر ئويۇنى بەدەننى چېنىقتۇرۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر شاھمات تۈرىدىكى ھەرىكەت ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىنايدۇ دېيىلسە، يېنىك ئاتلېتىكا ئادەمنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ، تەيچۇر ئويۇنى بولسا كۈچ بىلەن ئەقىلنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، ماتېماتىكا ۋە مېخانىكا بىلىملىرىگە سىڭىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا، ئوخشاش بولمىغان تەيچۇر تايىقى تۇتۇش ئۇسۇلى، ھەر خىل تاكتىكىلار قوشۇلغاچقا، ھەم بىر خىل بەدەن ھەرىكىتى، ھەم بىر خىل تەپەككۇر مەشىقى ھېسابلىنىدۇ. ھەقىقىي تۈردىكى سەنئەت، تېخنىكا ۋە جىسمانىي كۈچ بىر گەۋدىلەشكەن تەنھەرىكەت تۈرى ھېساپلىنىدۇ.

▲ تەيچۇر ئويۇنىدا ھەرىكەت مىقدارىنى ماھىرلار ئۆزى بەلگىلەيدۇ، ئۇ بىر خىل ئازادە، كۆڭۈللۈك ئارام ئېلىش ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇتقۇچىلار توپىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇ خىل ئويۇن ئادەمنى كۆپ تەرلەتمەيدۇ، ھەرىكەتتىن كېيىن تەرگە چۆمۈپ دەرسكە بېرىشتەك ئوڭايسىز ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، تەرلەش، سوغۇق تېگىپ قېلىش، زۇكام بولۇپ قېلىش ئەندىشىسى تېخىمۇ بولمايدۇ. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ تەيچۇر پائالىيىتىنىڭ ھەرىكەت مىقدارى يوق دېگەنلىك ئەمەس. بىر سائەت تەيچۇر ئويناش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ مىڭ قەدەم ئەتراپىدا مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، بىر مەيدان ئۆلچەملىك سىنوك مۇسابىقىسى ئويناشتا ماھىرلار توپ سۇپىسىنى چۆرىدەپ ئون كىلومېتىر مېڭىشى كېرەك، بۇ تېخى ھەر قېتىملىق توپ ئۇرۇش جەريانىدىكى ئەگمە پۇت ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. تەيچۇر ئويۇنى ئاستا سۈرئەتلىك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتكە تەۋە بولۇپ، بۇمۇ ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ھەرىكەت ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

▲ تۆتىنچىدىن، تەيچۇر ئويۇنى كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ۋە ئۇنى داۋالىيالايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئۈستەلگە يېتىۋېلىپ خىزمەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەر ئاسانلا بەل، بويۇن، مۈرە ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تەيچۇر ئويۇنى، توختىماي ئېڭىشىش، باش كۆتۈرۈش، بەل ئايلاندۇرۇش، مۈرىنى كۆتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ، بەل، بويۇن، مۈرە ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.

▲ تەيچۇر ھەرىكىتى سالماق بولۇش، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، كەيپىياتى تىنچ بولۇش، روھىي ھالىتى تەمكىن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇمۇ يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك ـ مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى كەيپىيات ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ھېساپلىنىدۇ، تەيچۇر ئويۇنى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈش، مىجەز ـ خۇلقىنى تاۋلاشتىكى ياخشى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى.

 ▲ بەشىنچىدىن، تەيچۇر ئويۇنى، تۆۋەن كاربونلۇق ھەرىكەت شەكلى، كۆز ئاسراش رولىغا ئىگە. تەيچۇر تاختىسى، تەيچۇر تايىقىنىڭ بىر قېتىملىق سېلىنمىسىدىن باشقا، تەيچۇرنىڭ كېيىنكى پائالىيىتىگە كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلىش ھاجەتسىز، ئەمەلىيەتتە ئۇ تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسرايدىغان ھەرىكەت شەكلى. تەيچۇر ئۈستىلىدىكى يېشىل مەخمەلگە ئوچۇق چىراغ نۇرى ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بەزىدە يېقىن، بەزىدە يىراققا قاراشقا توغرا كېلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئارىلىقتا فوكۇس توغرىلايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرۇش، كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىش، ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر خىل ناھايىتى ياخشى كۆز ئاسراش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

▲ ئالتىنچىدىن، تەيچۇر ئويۇنى سىزنى يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمايدۇ. كونىلاردا مال تۈرى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن دەيدىغان گەپ بار. تەيچۇر ئويۇنىغا قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇمۇشلۇق كىشلەر، تەيچۇر ھەرىكىتى يۈز تۇرانە ھەمتۈرتكە بولۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقانلار، دوستلار چەمبىرىكىنى قايتىدىن قۇرۇپ، تەيچۇر ئويناش ئارقىلىق دوست بولىشىدۇ، تۇرمۇش شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تېخىمۇ رەڭدارلىققا تولىدۇ، كىشلەر يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدۇ.

▲ يەتتىنچىدىن، تەيچۇر ئويۇنى ئۆزىنى تەربىيەلەش ھەم ئۆزىنى كۈتۈش خاراكتېرىگە ئىگە. تەيچۇر ئويۇنى بىر خىل سەنئەتلىك، ئېسىلزادىلەر ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، يۈرۈش ـ تۇرۇشى مەدەنىي، ھەرىكىتى جايىدا، كىيىنىشى رەتلىك بولۇش، قائىدىگە رىئايە قىلىش كېرەك. يۇقىرى ئاۋازدا ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ قىلىشقا، ئۇششاق ـ چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە، تاماكا چېكىشكە، ئەخلەت قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ئورنىغا قويۇش كېرەك. قىسقىسى، تەيچۇر ئويۇنى ئادەمدە ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئالقىشقا ئېرىشكەن مەدەنىي ئادەم بولۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

▲ سەككىزىنچىدىن، تەيچۇر ئويۇنى، ئىلمىي باشقۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. تەيچۇر ئويۇنى، توپ سۇپىسىنىڭ سانى ۋە ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. قانداق قىلغاندا ھازىرقى شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، بايلىقنى ئادىل تەقسىملەپ، ئەزالارنى باشقۇرۇپ، ئىناق تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ تەيچۇر ئويۇنىنىڭ تېخنىكا قاتلىمىدىن ھالقىغان باشقۇرۇش سەنئىتى. تەيچۇر ئويۇنىغا قاتناشقاندا، كۆزىتىش ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، مەيدان، ئەزا، ئورۇن، مۇسابىقە مەيدانى قاتارلىقلار... پەقەت كۆڭۈل قويسىلا، توپ ئويناش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقۇرۇشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.

▲ توققۇزىنچىدىن، تەيچۇر ئويۇنىدا تېخنىكا ئىگىلەش ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. تەيچۇر ئويناش دەسلىپىدە ناھايىتى ئاسان تۇيۇلىدۇ، لېكىن ماھارەت ئۆستۈرۈش تەس. تەيچۇر ئويۇنىنىڭ ماھارىتىنى ئىگىلىگەن ھامان، سىز باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، ئىززەت- ئابرويىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىسىز؛ ئۆزىڭىزگە ياردەم قىلىپ، بەدەن ساپارىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرالايسىز.