كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق كېسىلى
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

«يىراقنى كۆرەلمىسەم مەيلى، كۆرۈش قۇۋۋىتىم ئاجىز بولۇپ قالمىسا بولدى» دىيىش توغرىمۇ؟ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقى توغرىسىدىكى «ھەر كۈنى ئۈچ مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلپلا، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقنى داۋالىيالايسىز»، «28 كۈندە بالىنى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇش ئازابىدىن ئۈزۈل- كېسىل ئازاد قىلغىلى بولىدۇ»، «x x داۋالاش ئەسۋابى سىزنى دۇنيانى ئېنىق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دېگەندەك خاتا قاراشلارنى بىلىشىڭىز كېرەك. 

 كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقىنى داۋالايدىغان بۇ «ئاجايىپ ئۈنۈم» لەرنى ئاڭلاپ، سىزمۇ بالىلار ئۈچۈن سىناپ بېقىشنى ئويلاۋاتامسىز؟ ئەمما، سىناپ باقسىڭىزمۇ، كۆپ پايدىسى يوق. 

 كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز دېگەن زادى نېمە؟ «تەن ساقلىقى زور بايلىق» پىروگراممىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىن مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچ چىن يەنلىنى بۇ خىل كېسەللىك توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: 

 يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ناھايىتى ئوبرازلىق بىر ئوخشىتىش بار، ئۇ بولسىمۇ ــــ «ھورۇن كۆز». ئۇنى پەقەت كۆزەينەك تاقاش ئارقىلىقلا ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇش بىر خىل يېتىلىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش كېرەك. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بالىلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى نورمال بالىلارنىڭ %3 نى ئىگىلەيدۇ، يېرىمىدىن كۆپرەكى ئالىغاي بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆرۈش ئاجىزلىقىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تۇغما كۆرۈش ئاجىزلىقى بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر ئامىل. بوۋاق مەزگىلىدە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەسىلەن، كۆپ كېسەل بولۇش، باش قىسمى زەخىملىنىش ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆزنى ئۇزاق مۇددەت تېڭىشتىن كېلىپ چىققان كۆرۈش ئاجىزلىقى بار. لېكىن، كۆپىنچىسى ئالىغاي، يېقىننى كۆرەلمەسلىك، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىقتىن كېلىپ چىققان كۆرۈش ئاجىزلىقىدىن بولىدۇ. 

 ئەگەر، بالىدا تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، چوقۇم بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك:

 (1) يورۇقلۇقتىن قورقۇش؛ 

 (2) كۆزى بەزىدە ياكى دائىم ئىچىگە ياكى سىرتىغا ئېغىش؛

 (3) كۆز قارچۇقى نورمالسىز ھەرىكەتلىنىش؛ 

 (4) تېلېۋىزور كۆرگەندە بېشى مەلۇم بىر يۆنىلىشكە ئېغىش، قىيسىيىش ياكى ئېڭىكىنى تۆۋەن قىلىش، ئېگىز كۆتۈرۈش قاتارلىق قىياپەتلەر كۆرۈلسە؛

 (5) كىتاب ئوقۇغاندا، دائىم قۇر ئاتلاپ ئوقۇش ياكى خەتلەر تەتۈر كۆرۈنۈش.

 ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇشنى داۋالىغىلى بولمايدىكەن؟ شۇنداقمۇ؟ 

 شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلار داۋالاش ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى نورماللاشتۇرۇپلا قالماي، ھەتتا ئىككى كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ستېرېئولۇق كۆرۈش سېزىمى پەيدا قىلالايدۇ. 

 كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلارنى داۋالاشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار. مەسىلەن، توسۇش ئۇسۇلى، ئارقا تەسۋىر ئۇسۇلى، چاقنايدىغان قىزىل نۇر بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى، كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلاش پرىبور ئۇسۇلى ۋە كۆرۈش ئاپپاراتىدا داۋالاش ئۇسۇلى قاتارلىقلار. دوختۇر بالىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش نورمالسىزلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن كۆزەينەك سەپلەپ بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلارغا ئوخشاش بولمىغان داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.

 مېنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىم سەل ئاجىز، داۋالىنىپ باقمىغان، بالامنىڭمۇ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇپ قالامدۇ؟

 ئاجىز كۆرۈش قۇۋۋىتى ئىرسىيەت قالمايدۇ. لېكىن، يېقىننى كۆرەلمەسلىك ياكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئىرسىيەت خاھىشىغا ئىگە. شۇڭا، بالىڭىزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە چوقۇم دىققەت قىلىڭ. ئۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئۆلچەش جەدۋىلىنى كۆرەلەيدىغان بولغاندا، ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئۆلچەپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈڭ. ئەگەر، ئوخشاش ياشتىكى بالىلار بىلەن پەرق بولسا، بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، كۆزەينەك سەپلەش- سەپلىمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك. 

 بوۋاق كىچىكىدىن تارتىپلا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولسا، ئەما بولۇپ قالامدۇ؟

 ئۇنداق بولمايدۇ. ئالتە ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ كۆز ئاستى يېتىلىشى تېخى تاماملانمىغان بولۇپ، كۆرۈش سېزىمى مەشىقى ئارقىلىق بىر قەدەر ياخشى ياخشىلىنىشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇھىمى، كۆرۈش سېزىمى مەشىقى ئېلىپ بېرىش لازىم. ئالتە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ كۆز ئاستى يېتىلىپ بولغاچقا، كۆرۈش سېزىمى مەشىقى قىلسا، ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلار ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ئەما بولۇپ قالمايدۇ. 

 كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق كېسىلىنى داۋالاۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، قايتا قوزغىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن.

 قايتا قوزغىلىش ئۈچ يىل ئىچىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. قايتا قوزغىلىشنىڭ سەۋەبى، بالدۇرلا داۋالاشنى توختىتىش ياكى داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن دەسلەپكى مەزگىلدە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك تەسىرىگە ئۇچراشتىن بولىدۇ. قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقىنى داۋالاپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى نورماللاشقاندىن كېيىن، ئىككى يىل مۇستەھكەملەش كېرەك. بۇ باسقۇچتا قىسمەن ۋاقىتتا توسۇش ياكى قىسقا ۋاقىتتا توسۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ھەمدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈشكە توغرا كېلىدۇ. 

 كىچىك بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنرەك بولسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇشى ناتايىن. ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەن بولۇش ياكى 1.0 گە يېتەلمەسلىك سەۋەبىدىن تەمتىرەپ، ھەر خىل داۋالاشلارنى ئېلىپ بارماسلىقى لازىم. بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانى بولىدۇ. ئەمما، بەزى بالىلارنىڭ يېتىلىشى ئەسلىدىنلا ئاستا (بويى ئۆسكەنگە ئوخشاش)، پەقەت بالىنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەن چېكىدىن تۆۋەن بولمىسىلا، نورمال ھېسابلىنىدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ كۆز ساغلاملىق ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلىمەكچى بولسا، تەجرىبىلىك دوختۇرلاردىن كۆپرەك مەسلىھەت سورىغاندىن باشقا، كۆز كېسەللىكلىرى كەسپىي ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ، بالىلار ئۈچۈن نۇر سۇندۇرۇش يېتىلىش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ ھەرىكەتچان كۆزىتىپ تۇرۇشى لازىم. ئەگەر، تەكشۈرۈشتە مەسىلە بولمىسا، ئاتا- ئانىلار خاتىرجەم بولسا بولىدۇ.