دانلىق زىرائەتلەر بىلەن پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشنىڭ پايدىسى
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 دانلىق زىرائەتلەر بىلەن پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ماسلاشتۇرغاندا، تەمىنلەنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقسىلنىڭ مىقدارى گۆشتىن قېلىشمايدۇ. 

 ئاقسىل تولۇقلاش تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى كۆپ ھاللاردا گۆش، تۇخۇم يېيىش، سۈت ئىچىش. سىز بەلكىم «كۆپ يېسە ئاسان سەمىرىپ كېتىمەن» دەپ ئەنسىرەيدىغان ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرغاندا، ئۇنىڭدىن ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئاقسىل «ئامىنو كىسلاتاسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تەركىبتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئامىنو كىسلاتاسى ئائىلىسىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، سەككىز ئەزا ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلارنىڭ «زۆرۈر ئامىنو كىسلاتاسى» دەپ ئالاھىدە ئىسمى بار. ئادەم پەقەت يېمەكلىك ئارقىلىقلا ئۇلارغا ئېرىشەلەيدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ سەككىز خىل زۆرۈر ئامىنو كىسلاتاسىغا بولغان ئېھتىياجى ئالاھىدە نىسبەتكە ئىگە. ئەمما، بۇ سەككىز ئەزانىڭ ئوخشىمىغان يېمەكلىكلەردىكى مىقدار پەرقى ناھايىتى چوڭ. مەسىلەن، كالا سۈتى ۋە تۇخۇمدىكى سەككىز ئەزانىڭ نىسبىتى ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىردەك بولۇپ، خۇددى ياغاچ چېلەكنى تەشكىل قىلغان ھەر قايسى تاختايلار ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ھېچقانداق كېسىپ بېزەشنىڭ ھاجىتى يوق بولغىنىدەك. 

 ئاقسىلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. ئۈچ خىل ئاساسلىق يېمەكلىك ھەم ئورۇقلىتىدۇ ھەم ئاقسىل تولۇقلايدۇ 

 1. سۇلۇ: سۇلۇ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ھەزىم قىلىنىش، سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى. سۇلۇ بۇ ئەۋزەللىكتىن باشقا يەنە قان شېكىرى ۋە قاندىكى ماينى تەڭشەيدۇ. سۇلۇدا ئۇماچ ئەتكىلى ياكى سۇلۇ ئېشى ئەتكىلى بولىدۇ. بازاردا ئوزۇقلۇق ئارپا دەپ نام ئالغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ تەمى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما سۇلۇ تەركىبى نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، ساقلىقنى ساقلاش رولى چەكلىك. سېتىۋالغاندا ماتېرىيال سەپلەش جەدۋىلىگە قاراش، ئەگەر، ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ قالدۇقى، مۇئەتتەر قاتارلىق ماددىلار قوشۇلغان بولسا تاللىماسلىق كېرەك.

 2. ئارىلاشما پۇرچاق: قىزىل پۇرچاق، يېشىل پۇرچاق، سەي پۇرچاق قاتارلىقلار. بۇ ئارىلاش پۇرچاقلارنى گۈرۈچ، ئاق ئۇن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قان شېكىرى كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولۇپ، كىراخمال مىقدارى %50- %60 نى ئىگىلەيدۇ. كراخمال ئاز بولسا، ئاقسىل كۆپ بولىدۇ. گۈرۈچ تەركىبىدە پەقەت %7 ئاقسىل بار، ھەر خىل پۇرچاقلاردا بولسا %20 كە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۇرچاق يېسە قورسىقى بەك ئېچىپ كەتمەيدۇ. تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئورۇقلاش مەزگىلىدە، ئاساسلىق يېمەكلىككە ئازراق پۇرچاق قوشۇش ئىنتايىن ئاقىلانىلىك بولۇپ، ئىسسىقلىقنى ئازايتىپ، تويۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

 3. ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر: ئاساسلىقى خوڭشۇ، ياڭيۇ، شەنياۋ، تارو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياڭيۇ تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ۋىتامىن C، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2 قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپ، قەۋزىيەت ۋە ئۈچەي راكى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئۇلارنى بىر قىسىم ساپ ئاق ئۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، يىمەكلىك مىقدارىنى ئازايتىپ، ئوزۇقلۇق مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.