يۇيۇنۇشتا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە
【发布时间】2020-06-21  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بەزى كىشىلەر يۇيۇنغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بىر قەدەر يۇقىرى قىلىپ تەڭشەشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تېرىگە زىيانلىق. تېرە يۈزىدە تېرە ياغ پەردىسى بولۇپ، تېرە ياغ پەردىسى تېرە ياغ بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان ياغ، تەر بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان تەر سۇيۇقلۇقى ۋە تۆكۈلگەن مۈڭگۈز ماددىلىق ھۈجەيرە ئېمۇلسىيەلەش ئارقىلىق تېرە يۈزىدە شەكىللەنگەن بىر قەۋەت قوغداش پەردىسىدۇر. ئەگەر ھەر قېتىم تېمپېراتۇراسى يۇقىرى سۇدا يۇيۇنغاندا، تېرە ياغ پەردىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تېرىنىڭ سىرتقى يۈزى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. يېنىكرەك بولغاندا ئازراق كېپەكلىشىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ھۆل تەمىرەتكە چىققاندەك كۆرۈنىدۇ.

 نۆۋەتتە، بىر قەدەر تەۋسىيە قىلىنغان ئەڭ مۇۋاپىق يۇيۇنۇش سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، 37 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى سۇدا يۇيۇنۇش ئەڭ مۇۋاپىق. ئەگەر سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولسا، يۇيۇنغاندا بەك بىئارام بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە تېرە توسۇقىمىزنى بۇزۇپ، تېرە قۇرغاقلىشىش، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 يۇيۇنۇش قېتىم سانىغا نىسبەتەن قاتتىق چەكلىمە يوق. لېكىن، بىز دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن جاي بار.

 تومۇز ياز پەسلىدە، ھەر كۈنى تەر چىقىدۇ. بىز ھەر كۈنى يۇيۇنساق بولىدۇ. لېكىن، يۇيۇنغاندا ئاددىيلا چايقانساقلا كۇپايە. ھەر قېتىم بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. كۈز ۋە قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ھاۋا ناھايىتى قۇرغاق بولىدۇ. ئەگەر ھەرىكەت مىقدارى كۆپ بولمىسا، تەرمۇ كۆپ چىقمىسا، بىر ھەپتىدە ئىككى- ئۈچ قېتىم يۇيۇنسىلا بولىدۇ.

 ئوخشىمىغان ياشتىكىلەرنىڭ يۇيۇنۇش قېتىم سانىمۇ ئوخشىمايدۇ. بالىلارنىڭ تېرە ياغ بېزى يېتىلمىگەچكە، تېرىنىڭ سىرتقى يۈزى ئاسانلا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر سىرتقى مۇھىت بەك قۇرغاق بولسا، تېرىمۇ بەك قۇرغاق بولۇپ كېتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۈندە يۇيۇندۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېمپېراتۇرىنى 37 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك. ھەر قېتىملىق يۇيۇنۇش ۋاقتى بەش مىنۇت ئەتراپىدا بولسىلا بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ تېرە ياغ بېزى يىگىلەپ، تېرە ياغ پەردىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تېرە ناھايىتى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، كۈز ۋە قىش پەسلىدە ھەپتىدە بىرەر قېتىم يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ. نۇرغۇن ياش ياز ۋە قىشتا ھەر كۈنى يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ياكى شۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان. بۇنىڭ بولمايدىغان يېرى يوق. لېكىن، ئەڭ مۇھىمى، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم ۋاقتىدا نەملىك ساقلاش مېيى سۈرۈش كېرەك.