دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار يېمەك- ئىچمەكتە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
【发布时间】2020-06-22  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار قان قەنتىنىڭ مۇقىم بولۇشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە نىمىلەرگە دېققەت قىلىشى كېرەكلىكىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەيلى قانداق يېمەكلىك بولسۇن، پەقەت مۇۋاپىق مىقداردا بولسىلا، ئىستىمال قىلسا بولىۋېرىدۇ. بىر قىسىم ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولغان دىئابېت كېسەللىرىگە نىسبەتەن، مەلۇم تۈردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بىر قەدەر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلغاندا، يەنە ئەگەشمە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتكىلى بولىدۇ.

 1. ئەتراپ نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش نېرۋا چېكىنىشكە ئالاقىدار ئەگەشمە كېسەللىكلەر: بۇ خىل كېسەللەردە ئاغرىش، ئۇيۇشۇش، ھالسىزلىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ. ۋىتامىن C، B تۈردىكى ۋىتامىنلار نېرۋىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىراق، زىيادە، كۆپ مىقداردا تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق. كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەركىبىدە بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلسىلا ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. B تۈردىكى ۋىتامىنلار مول بولغان يېمەكلىكلەر چەشلەنمىگەن بۇغداي، سۇلۇ قاتارلىق قارا ئاشلىق، پالەك، جېلەن قاتارلىق قېنىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەر: جۈزە، مىخۇتاۋ، ھۆل چىلان قاتارلىق يېڭى مېۋىلەر؛ شوخلا، كۆك لازا ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىق يېڭى كۆكتاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 2. ئاشقازان- ئۈچەي نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشى: بەزى دېئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دوستلار دائىم قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، يېمەكلىك تالالىرىنى مۇۋاپىق تولۇقلاش ئارقىلىق ئاشقازان- ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سۇ تەركىبى- چوڭ تەرەتنىڭ يۇمشىشىغا پايدىلىق بولۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ. تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولغان يېمەكلىكلەر- دانلىق زىرائەتلەر، پۇرچاق ۋە ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، يەنە كۆكتات، مېۋە تۈرىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياڭيۇ تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە كىراخمال بىر قەدەر يۇقىرى. شۇڭا، قوبۇل قىلغاندىن كېيىن باشقا ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇرۇق مېۋە- كۆكتاتلارنى ئەمەس، ئىمكانقەدەر يېڭى كۆكتات، مېۋە ـ چېۋىلەرنى قوبۇل قىلىش لازىم. بۇ قۇرۇق مىۋە- كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە گەرچە مول تالا بولسىمۇ، ئەمما سۇدا ئېرىيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياغ ياكى تۇز تەركىبى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

 3. دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسىلى: دىيابېت مەنبەلىك پۇت كېسەللىكى--- دىئابېت كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئىچىدىكى بىر قەدەر ئېغىر كېسەللىك بولۇپ، كېسەلدە ئاسانلا يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ. ھەتتا، پۈتۈن بەدەننىڭ ياللۇغلىنىش ئىنكاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ بەدەندىكى ئاقسىلنى كۆپلەپ خورىتىدۇ. شۇڭا، كېسەللەرگە توخۇ، بېلىق، تۇخۇم، گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. بىراق، دىئابېت كېسەللىرى بەزىدە ئاشقازان- ئۈچەينىڭ بىئارام بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئاقسىلنى بەك كۆپ قوبۇل قىلسا بىئارام بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، تەدرىجىي قوشۇش كېرەك.

 4. دىيابېت مەنبەلىك بۆرەك كېسىلى: دىيابېت مەنبەلىك بۆرەك كېسىلى--- مىكرو قان تومۇر ئەگەشمە كېسەللىكىگە تەۋە بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغان ئالاھىدىلىكى ئاقسىل سىيىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، ئامال بار قىزىل پۇرچاق، ماش قاتارلىق ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى ئىستىمال قىلماسلىق؛ بېلىق، گۆش، سۈت تۇخۇم قاتارلىق ھايۋانات ئاقسىلىنى كۆپرەك قوبۇل قىلىش كېرەك. «جۇڭگو 2 تىپلىق دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قوللانمىسى (2017- يىللىق نەشرى) » دە، ھەر كۈنى ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىدا ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى 0.8 گرامغا يەتكۈزۈش تەۋىسيە قىلىنغان. ئاقسىلنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش (1.3 گرامدىن ئېشىپ كېتىش) ئاقسىل سىيىشنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، يۈرەك قان تومۇر ۋە ئۆلۈش خەۋپىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى 0.8 گرامدىن تۆۋەن بولسا، دىئابېت مەنبەلىك بۆرەك كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرەلمەيدىكەن.