كۆپ مىقداردا ۋە تېز سۈرئەتتە مارۇژنى يېيىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيانلىق تەرەپلىرى ھەققىدە
【发布时间】2020-06-24  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

ماروژنى كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىسسىقنى ياندۇرىدىغان يىمەكلىك بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغان شۈمشە، شاكىلات، مېۋە تەملىكلىرىدىن باشقا، يەنە تەمى ئۆزگىچە ماروژنىلارمۇ ئارقا- ئارقىدىن پەيدا بولدى. مەيلى قارا شېكەر- مەرۋايىت تەملىك بولسۇن، ياكى گۆش تالقىنى ـ دېڭىز يۇسۇنى تەملىك بولسۇن، ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ يېيىشىگە ئېرىشتى. ماروژنى گەرچە تەملىك بولسىمۇ، كۆپ يەۋالساق بەدىنىمىزنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. 

 بەزى كىشىلەر ماروژنىنى يەپ بولغاندىن كېيىن بېشى قاتتىق ئاغرىيدۇ. بەزىدە چېكە تەرەپ (چېكە قىسمى)، پېشانە قىسمى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سانجىپ ئاغرىيدۇ ياكى چىدىغۇسىز ئاغرىيدۇ. 

 دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ماروژنى يىگەندە باش ئاغرىش»- «سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىدىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. زىيادە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا، تېز سۈرەتتە يېگەندە، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى زور دەرىجىدە غىدىقلاپ، قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشى ۋە كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئارقىدىنلا نېرۋا خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا، ماروژنى، مۇزدەك تاۋۇز يېگەندە، مۇزدەك ئىچىملىك ئىچكەندە بەك ئالدىراپ، بەك تېز ئىچمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى يېمەكلىكنى ئېغىزدا بىردەم تۇرغۇزۇپ، ئېغىز بوشلۇقىنى بۇ تېمپېراتۇرىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاندىن چايناش ۋە يۇتۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەش كېرەك ئىكەن. 

 تۆۋەندىكى بىر قىسىم كىشىلەر ماروژنى يېيىشتە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك:

 1. يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار. يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش قاتارلىق يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان تومۇر ئېلاستىكىلىقى كۆپىنچە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. قان تومۇرلارنىڭ ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن «تۇيۇقسىز سوۋۇش» قان تومۇرلارنىڭ بىردىنلا تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە كەپلەشمىسى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 2. ھامىلدار ئايال. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئاشقازان- ئۈچەي شىللىق پەردىسى ئىسسىق- سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، ماروژنىنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 3. بالىلار. بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، زىيادە سوغۇقنىڭ غىدىقلىشى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، قان ئېقىمىنى ئازايتىپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 4. دىئابىت ۋە سېمىز كىشىلەر. ماروژنى تەركىبىدە قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، دىئابېت، سېمىز كىشىلەر ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا جىگەرنى ياغ قاپلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. 

 تۆۋەندىكى ۋاقىتلاردا ماروژنى يېيىشكە بولمايدۇ:

 1. تاماق يېگەندە. يازدا تاماق يېگەندە ئاسانلا تەر چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماروژنى ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا ئاشقازان ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ھەر خىل ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 2. ھەرىكەتتىن كېيىن. قاتتىق ھەرىكەتتىن كېيىن قارا تەرگە چۆمۈپ كەتكەندە، ماروژنىنى دەرھال ئىستېمال قىلغاندا، قان تومۇرلارنىڭ تېز تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 3. ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك مەزگىلى. فىزىئولوگىيەلىك مەزگىلدە ماروژنىنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا بالىياتقۇ، داس بوشلۇقىدىكى قان تومۇرلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەيز مىقدارىنىڭ ئازىيىشى ھەتتا توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.