چىش يۇيۇشتىكى نۇرغۇن خاتا قاراشلار
【发布时间】2020-06-26  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ھەر كۈنى ئەستايىدىل چىش چوتكىلىغان تۇرۇقلۇق، يەنە نىمە ئۈچۈن چىشنى يۇيۇش كېرەك؟ چىش يۇيسا چىش بوشاپ كېتەمدۇ؟ چىش يۇيۇش توغرىسىدىكى ھەر خىل قاراشلاردىن زادى قايسىسى راست؟ بۇلارنى نۇرغۇن كىشى ئېنىق بىلمەيدۇ. 


  1. ھەر كۈنى ئەستايىدىل چىش چوتكىلىسا، چىش يۇيمىسىمۇ بولىدۇ دەيدىغان خاتا قاراش. 

  نۇرغۇن كىشى دائىم: ھەر كۈنى ئەستايىدىل چىش چوتكىلىغان تۇرۇقلۇق، نىمىشقا يەنە چىش يۇيغۇزىمىز دەپ سورايدۇ؟ بىرىنچى، مەيلى سىز چىش چوتكىلىغاندا قانچىلىك ئەستايىدىل بولۇڭ، ھامان بىر قىسىم جايلارنى چوتكىلاش ئاسان ئەمەس. مەسىلەن، ئىككى چىشنىڭ ئارىلىقى ۋە بارلىق چىشنىڭ ئىچكى يان تەرىپىدە ئاسانلا يۇمشاق كىرلەر قېلىپ قالىدۇ.

 ئىككىنچى، چىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە چوتكىلىغان تەقدىردىمۇ، 30 مىنۇتتىن كېيىن چىش يۈزىدە يەنىلا يېڭى باكتېرىيە دېغى شەكىللىنىدۇ. شۆلگەي تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار ئۇنى مىنېراللاشتۇرۇپ، چىش تېشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چىش تېشى شەكىللەنگەن ھامان، نوقۇل چىش چوتكىلاشقا تايىنىپلا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۈچىنچى، چىش يۈزىدىكى چىش باكتېرىيە دېغى، چىش تېشى دەل ئېغىز بوشلۇقىمىزدىكى غەيرىي پۇراق ۋە چىش مىلىكىمىزدىن قان چىقىشنىڭ باش جىنايەتچىسى. بىزنىڭ ئاتالمىش «چىش يۇيۇش» دېگىنىمىز چىش يۈزىدىكى بۇ چىش باكتېرىيە دېغى ۋە چىش تېشىنى يوقىتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خۇددى يۇيۇنغاندا بەدەندىكى كىرلەرنى ئۇۋۇلاپ چىقىرىۋەتكەنگە ئوخشايدۇ.


  2. چىش يۇغاندا چىش بوشاپ كېتىدۇ دەيدىغان خاتا قاراش. 

  بەزى كىشىلەر چىشىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چىشىنىڭ بوشاپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر چىشنى ئۇزاق مۇددەت يۇمىساق، ئېغىز بوشلۇقىمىزدا نۇرغۇن چىش تېشى پەيدا بولۇپ، چىشلار بىر- بىرىگە تۇتىشىپ قىسقۇچ تاختا ھاسىل بولۇپ، ئەسلىدە بوشاپ كەتكەن چىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقىملىشىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كېسەللەر چىشىنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلالمايدۇ. 

  چىش تېشى قىسقۇچ تاختىسىدىكى باكتېرىيەلەر چىش مىلىكىنى داۋاملىق غىدىقلاپ ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ ھەمدە چىش مىلىكىنىڭ ئاستىدىكى چىش ئوقۇرى سۆڭىكىنىڭ داۋاملىق سۈمۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. چىشنىڭ بوشاپ كېتىشى يەنىلا ئاستا- ئاستا كۈچىيىدۇ. چىشنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، چىش تېشى قىسقۇچ تاختىسى ئېلىۋېتىلىپ، چىش بوشاپ كەتمىگەن ساختا ھالەت يوقاپ كەتكەچكە، چىشنىڭ ئۆزىدىكى بوشاپ كېتىشمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا كېسەل چىشنىڭ بوشاپ كېتىشىنى چىش يۇيۇشقا ئارتىپ قويۇپ، خاتا قاراش شەكىللىنىپ قالىدۇ.


  3. چىش يۇيغاندا چىش ئارىلىقى كېڭىيىپ كېتىدۇ دىيدىغان خاتا قاراش. 

  چىش يۇيغاندا چىش ئارىلىقى كېڭىيىپ كەتمەيدۇ. چىشنى يۇيۇشتىن بۇرۇن، ئىششىپ كەتكەن چىش مىلىكى ۋە چوڭ- چوڭ چىش تاشلىرى چىش يوچۇقلىرىغا توشۇپ كەتكەن بولۇپ، كېسەل ئۆزىنىڭ چىش يوچۇقى بارلىقىنى ھىس قىلالمايدۇ. چىشنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چىش تېشى ئېلىۋېتىلىپ، چىش مىلىكى ئىششىقى يېنىپ كەتكەچكە، چىش ئارىلىقى تەبىئىيلا ئېچىلىپ قالىدۇ.


  4. چىش يۇغۇزۇش چىشقا زىيان يەتكۈزىدۇ دەيدىغان خاتا قاراش. 

  چىشنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدە بىر قەۋەت چىش ئېمال ماددىسى بولۇپ، سۆڭەكتىنمۇ قاتتىق بولىدۇ. چىش يۇيۇش يۇقىرى چاستوتىلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق چىشنى تەۋرىتىپ بىگىزسىمان تازىلاش ئۈسكىنىسىنىڭ ئۇچىدىكى سۈركىلىش ئارقىلىق چىش يۈزىدىكى چىش باكتېرىيە دېغى، چىش تېشىنى چىقىرىۋېتىش بولۇپ، چىشقا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىك چىشنى خاتىرجەم يۇيغۇزسا بولىدۇ. 

  ئاخىرىدا، دوختۇر يىلدا 1 قېتىمدىن، 2 قېتىمغىچە ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرتۈش، چىشنى يۇيۇش تەكلىپىنى بەردى. بولۇپمۇ، تاماكا چېكىدىغان كىشىلەر چوقۇم قەرەللىك ھالدا ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاياللارغا نىسبەتەن، ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇن چوقۇم ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىگە بېرىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈش لازىم ئىكەن. بولمىسا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىششىق ياكى قاناش كۆرۈلسە داۋالاش تەسكە توختايدىكەن.