ئىلمىي ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە
【发布时间】2020-06-27  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

بەدەن قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇرغۇن كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئورۇقلاش--- مەڭگۈلۈك تېما بولۇپ، ئورۇقلاش ئۇسۇلى تېخىمۇ كۆپ خىل. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن باشقا، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشمۇ ئورۇقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز دائىم «مايسىزلاندۇرۇلغان سۈت ئىچسە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ، قېتىق ئىچسە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ سۆزلەرنىڭ راستتىنلا ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟

 «مايسىزلاندۇرۇلغان سۈت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىن مەلۇمكى، «ماي تەركىبى چىقىرىۋېتىلگەن سۈت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تېخىمۇ كەسپىي چۈشەندۈرۈش شۇكى، نورمال خام ئەشيا قىلىنغان سۈت تەركىبىدىكى ماينى پىششىقلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق چىقىرىۋېتىش بولۇپ، ئۇ ماي مىقدارى ئادەتتىكى سۈتتىكى ماي مىقدارىنىڭ 7 دەن 1 ئىگە يەتمەيدىغان بىر خىل سۈت مەھسۇلاتى. تولۇق قايماقلىق سۈتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مايسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ ماي مىقدارى %0.5 دىن كىچىك بولىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن كىشى: «ماي مىقدارىنىڭ ئاز بولۇشى سەمىرىپ كەتمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.

 لېكىن ئەمەلىيەتتە، «مايسىزلاندۇرۇلغان سۈت ئىچسە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ» دېگەن قاراش ئىلىم- پەندە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. جوڭ كەينىڭ ئېيتىشىچە،مايسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ مېيى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە ماددىسى ياكى ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ ئېقىپ كېتىدىكەن. شۇڭا، مايسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ خوراش سۈرئىتىمۇ بىر قەدەر تېز بولۇپ، ئادەمدە ئاسانلا ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن. تولۇق قايماقلىق سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ماي ۋە ئىسسىقلىق بولسا ئادەمنىڭ تويۇش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگەچكە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كەلمەيدىكەن. بۇ ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

 ئۇنىڭدىن باشقا، مايسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى سۇيۇقلىشىپ كېتىدۇ. خۇش پۇرىقىمۇ يوقىغاچقا، بەتتامراق بولىدۇ. بەزى سودىگەرلەر تەمىگە ئېتىبار بېرىش ئۈچۈن، خۇرۇچ ئارقىلىق تەمىنى تەڭشەيدۇ. ھەسەل ياكى باشقا خۇرۇچلارنى قوشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، مايسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ تەمى زور دەرىجىدە ياخشىلانسىمۇ، ئەمما،يەنە ئىسسىقلىق مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋېتىدۇ. سۈتنىڭ ئۆزى بىخەتەر، ئەمما كۈندە زىيادە كۆپ خۇرۇچ قوشۇلغان ساختا مايسىزلاندۇرۇلغان سۈتنى ئىچكەندە ، ئەكسىچە سەمرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ۋە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىگە دېققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

 «قېتىق ئىچسە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ» دېگەن قائىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. جۇڭ كەينىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، قېتىقنىڭ ئاقسىل مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر قېتىققا شېكەر قوشۇلمىغان بولسا، قېتىق ئىچىشنىڭ ئېغىرلىقنى تۆۋەنلىتىپ مۇسكۇلنى ئاشۇرۇشتا ھەقىقەتەن بەلگىلىك پايدىسى بولىدىكەن. لېكىن، شېكەرسىز قېتىقنى بەك چۈچۈمەل ھېس قىلىپ، ئىستېمال قىلغاندا شېكەر ياكى ھەسەل قوشۇۋەتسە، ئۇنداقتا، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدىكەن. شۇڭا قېتىق ئىچىپ ئورۇقلاش دېگەن بۇ قاراشمۇ ئىلمىي ئەمەس ئىكەن.

 ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۇسۇلى ---مۇۋاپىق غىزالىنىشقا ھەرىكەتنى قوشۇش بولۇپ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا «يېيىش بىلەن ھەرىكەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت. يېيىش دېگىنىمىز ---قوبۇل قىلىنغان ئېنېرگىيە، ھەرىكەت دېگىنىمىز---- سەرپ بولغان ئېنېرگىيە. پەقەت سەرپ بولغان ئېنېرگىيە، قوبۇل قىلىنغان ئېنىرگىيەدىن كۆپ بولسىلا، تەبىئىيلا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش كېرەك. بۇنداق ئورۇقلاش ساغلام ئورۇقلاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.