تاتلىق يىمەكلىكلەرنى يېيىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى ھەققىدە
【发布时间】2020-07-01  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  مەيلى بالىلار ياكى چوڭلار بولسۇن، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرۈش ئادەمنىڭ تۇغما قابىلىيىتى. بۇ خىل تۇغما قابىلىيەت كىچىك بالىلار ۋە قىزلاردا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.

  قەنت تىلغا ئېلىنسىلا، ھەممىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ساغلام ئەمەس» دېگەن سۆزنى ئەسكە ئالىمىز. چۈنكى، بىز دائىم قەنت يېسە چىشنى قۇرت يەيدىغانلىقى، يەنە دىئابېتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، ھەتتا قەنتنى كۆپ يېسە دانىخورەك چىقىدىغانلىقى، سەمىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. قەنت يېسە، راستتىنلا زىيىنىلا بولۇپ، پايدىسى يوقمۇ؟

  قەنت- گېزەك ئەسلىدىنلا ئىنتايىن ئادەتتىكى يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە ئېنېرگىيە مول. بۇ خىل ئېنېرگىيە ئاساسلىقى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىدىن كېلىدۇ. لېكىن، ھازىر قەنت- گېزەكنى پىششىقلاش جەريانىدا ئازراق ياغ قوشۇلىدۇ. قەنت- گېزەكلەرنىڭ ئېنېرگىيەسى دەل مۇشۇ كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ياغدىن كېلىدۇ.

  يېمەكلىك كەمچىل يىللاردا، ياكى بىر قىسىم نامرات رايون ۋە دۆلەتلەردە، چوڭلار بالىلارغا كەمپۈت بەرگەندە، بالىلار ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، تاتلىق بۇ خىل تەم ئادەمگە بىر خىل گۈزەل تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ ئاساسلىقى «تاتلىق» تەمنىڭ چوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ پەيدا قىلغان «دوپامىن» دىن كېلىدۇ. نىمە ئۈچۈن تاتلىق ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنى غىدىقلاپ دوپامىن ھاسىل قىلىپ، ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە «تاتلىق» لىق كۆپ ھاللاردا ئېنېرگىيە بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، يېگەندە تاتلىق بىلىنىدىغان يېمەكلىكلەردە ئېنېرگىيە مول بولىدۇ. مەسىلەن، تەبىئەت دۇنياسىدىكى مېۋە- چېۋە، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، قىسمەن ئاشلىق قاتارلىقلار.

  يىمەكلىك مول بولغان بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىمىز ئېشىپ كەتتى. ئەگەر بىر بالا قەنتنى زىيادە كۆپ يېسە، يەنە كېلىپ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىغا دېققەت قىلمىسا، ئاسانلا چىشنى قۇرت يەيدۇ. ئوخشاشلا، بىر دىئابېت كىشى ئەگەر كۆپ مىقداردا قەنت يېسە، قان قەنتىدە بىر قەدەر چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. بەزى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، قان قەنتىنىڭ ئۆرلىشى بەدەندىكى ھورمۇن سەۋىيەسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىكەن. بەزى سەزگۈر كىشىلەر توپىغا ئاسانلا دانىخورەك چىقىرىدىكەن. ئەگەر ھەر كۈنلۈك تاماقتا ئېنېرگىيە يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا، يەنە زىيادە كۆپ قەنت يېسە، ئاسانلا ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش ئېشىپ كېتىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  تۇرمۇشىمىزدا قەنت- گىزەكتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن يول ئارقىلىقمۇ قەنت يېگىلى بولىدۇ. بىز دەۋاتقان ئاساسلىق يېمەكلىك ۋە ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول بولغان قەنت تۈرىدىكىلەردىن باشقا، ئىنچىكە ئىشلەنگەن قەنتلەرمۇ كېلىش مەنبەسى ھىسابلىنىدۇ. مەسىلەن، تاتلىق تۈرۈم، ماروژنى، قەنت تەركىبى بار قەھۋە، پېچىنە، شاكىلات، شىكەر سېلىنغان قېتىق قاتارلىقلار. ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا بىز بۇ قەنتلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ساقلىنالمايمىز. لېكىن، كۆپچىلىكنىڭ ئەنسىرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق. چۈنكى، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2016) نىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بىز ھەر كۈنى قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى 50 گرام ئىچىدە كونترول قىلساقلا بولىدىكەن.

  بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مۇۋاپىق مىقداردا ساپ قەنت قوبۇل قىلىش، بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىدا تەركىبىدە ساپ قەنت بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەركىبىدە ساپ قەنت بولغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش ئارزۇسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇلا ئەمەس، ئەتىگەندە تەركىبىدە ساپ قەنت بولغان ناشتىلىقنى يىگەندە، بەدەنگە نىسبەتەن ئاسان يۈك ئېلىپ كەلمەيدىكەن. ئورۇقلاۋاتقان كىشىلەر توپى ئىچىدە ئىشلەنگەن تەجرىبىدىمۇ كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت ئەتىگەندە مەلۇم مىقداردا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ ئورۇقلاۋاتقان كىشىلەر توپىدا، ئۇلارنىڭ ئورۇقلىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى پۈتۈن كۈنلۈك تاماقتا تاتلىق يېمەكلىك يىمەيدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇقلاش ئۈنۈمىمۇ تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. مەيلى قەنت- گېزەك بولسۇن ياكى تەركىبىدە قەنت مول بولغان يېمەكلىكلەر بولسۇن، بىز ئۇلارغا ئاقىلانە، ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار پەقەت بىزنى ئاسان جەلپ قىلىدىغان ئادەتتىكى يېمەكلىكلەر. بىزدە مول ئوزۇقلۇق ئىلمى بىلىملىرى بولسىلا، ئۇلاردىن ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ. بۇ ھەم بىزنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خۇشال قىلىدۇ، ھەم تەن ساغلاملىقىمىزغا پايدىلىق.