كۆز چىمىلدىتىشنىڭ كۆز ئاسراشتىكى رولى
【发布时间】2020-07-02  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 كۆز چىمىلدىتىش كۆپ ساندىكى كىشىلەر دېققەت قىلمايدىغان بىر فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. ئالاقىدار تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، نورمال ئەھۋالدا، ئادەم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 4 سېكۇنتتىن 6 سېكۇنتقىچە كۆزنى بىر قېتىم، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مىنۇتتا 12.5 قېتىم چىمىلدىتىدىكەن. 

 8 سائەتلىك ئۇيقۇنى چىقىرىۋەتكەندە، بىر ئادەمنىڭ ھەر كۈنى كۆز چىمىلدىتىش قېتىم سانى تەخمىنەن 12 مىڭ قېتىم بولىدۇ. نورمال كۆز چىمىلدىتىش ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىنى سىلىقلاش، كۆز ئالمىسىنى تازىلاش، نەمدەشكە پايدىلىق ھەمدە كۆزدىكى چاڭ- توزان ۋە باشقا غەيرىي نەرسىلەرنى تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. كۆز چىمىلدىتىش چاستوتىسىمۇ باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئادەم جىددىيلەشكەندە، كۆز چىمىلدىتىش چاستوتىسى تېزلىشىدۇ. بالىلاردىكى كۆپ پەيتلىك كېسىلى ۋە تارتىشىش كېسىلى كۆزنى كۆپ چىمىلدىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. پاركىنسون كېسىلى كۆز چىمىلدىتىش چاستوتىسىنى ئازايتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون ئېكرانىغا ئۇزاق ۋاقىت يۈزلەنگەندە، كۆزنى چىمىلدىتىش چاستوتىسىمۇ تەبىئىي تۆۋەنلەپ، مىنۇتىغا 4 قېتىمدىن 6 قېتىمغىچە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەم ئېكرانغا ئۇزاق ۋاقىت قارىغاندا مەلۇم فوكۇس ئارىلىقىنى ساقلايدىغان بولغاچقا، كۆز چارچاش پەيدا بولىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر يېقىن ئارىلىقتا خىزمەت قىلىشنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرالماسلىق، كۆز ۋە كۆز چانىقىنىڭ ئەتراپى ئاغرىش، نەرسىلەرنى كۆرۈش غۇۋالىشىش، كۆز قۇرغاقلىشىش، ياش ئېقىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 كۆز ئالمىسىدىكى كىرىستال تەنچىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 400 نانومېتىردىن 500 نانومېتىرغىچە بولغان زەڭگەر، كۆك، بىنەپشە قاتارلىق نۇرلارنى توسۇش رولى يوق دېيەرلىك. شۇڭا، ھەر خىل ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندىن چىققان كۆك نۇر بىۋاسىتە كىرىستال تەنچىدىن ئۆتۈپ كۆرۈش تور پەردىسى سېرىق داغ قىسمىغا يېتىپ بېرىپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن كۆز ئالمىسىنىڭ دۇغلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ۋاقتىنى كونترول قىلىش، قاراڭغۇ مۇھىتتا ھەرقانداق ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانغا ئۇزاق ۋاقىت قارىماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھەر 30 مىنۇتتىن، 40 مىنۇتقىچە 10 مىنۇت ئارام ئېلىش ھەمدە ئاڭلىق ھالدا كۆزنى چىمىلدىتىش ياكى كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئويناش ئارقىلىق، كۆزدىكى مۇسكۇل ۋە قان ئايلىنىشنى تەڭشەپ، بىئاراملىق تۇيغۇسىنى ئازايتىش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى ئەتىگەن ئويغانغاندا، 40 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى ئىلمان سۇغا چىلانغان لۆڭگىنى كۆزگە قويۇپ، ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇش لازىم. زۆرۈر بولغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۆز چارچاشنى پەسەيتىدىغان كۆز دورىسىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش لازىم .