ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلىك ___ ئۆزىنى قوغدىغانلىق
【发布时间】2020-08-28  作者:xirenay  来源:天山网

 يېقىندا، جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى، جۇڭگو ئاياللىرى تورىنىڭ مۇخبىرى بىنجوۋ تېببىي شۆيۈەنى ئاممىۋى سەھىيە ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى، دوكتور يېتەكچىسى، پىروفېسسور ساۋ گاۋفاڭنى ئالاھىدە زىيارەت قىلدى. ساۋ پىروفېسسور مۇنداق قارىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش مۇھىتىدا، ئاممىۋى تازىلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاپ، ئاممىۋى تازىلىقنى ياخشى قوغداش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئەڭ ياخشى قورال، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلىك ___ ئۆزىنى قوغدىغانلىق.

  ئاممىۋى سەھىيە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە ساغلاملىق مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

  يۇقۇملۇق كېسەلنى كونترول قىلىشنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى ئۈچ: يەنى، يۇقۇم مەنبەسىنى كونترول قىلىش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ۋە ئاسان يۇقۇملانغۇچىلارنى قوغداش. ھەر بىرىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىمىز ياخشى شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنى ياخشى قوغداپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاسان يۇقۇملانغۇچى بولماسلىق.

  بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەر بىرىمىزگە بىر قېتىملىق ئاممىۋى سەھىيە دەرسى ئۆتتى. «ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلىك ___ ئۆزىنى قوغدىغانلىق.» پىروفېسسور ساۋ گاۋفاڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئاممىۋى تازىلىقنى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈرۈش كېرەك، مەسىلەن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا باشقىلار بىلەن ئىستاكان، قاچا-قۇچا قاتارلىق بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش؛ يېمەكلىك تازىلىقى بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كارانتىندىن ئۆتكەن قۇش گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش؛ خام يېمەكلىك بىلەن پىششىق يېمەكلىكنى توغرايدىغان پىچاق ۋە ئەمبەلنى ئايرىش، خام يېمەكلىك ۋە پىششىق يېمەكلىك قاچىسىنى ئايرىش؛ قول زەخىملەنگەن ھالەتتە گۆش بىر تەرەپ قىلغاندا، پەلەي كىيىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ تۇخۇم، ئۆردەك تۇخۇمى قاتارلىق قۇش تۇخۇملىرى ۋە قۇش گۆشلىرىنى پىششىقلاپ پىشۇرغاندا، چوقۇم ياخشى پىشۇرۇش، خام، چالا پىشقان قۇش تۇخۇمى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. يەنە، تېز يوللانمىنى تېگىشمەي تاپشۇرۇۋېلىش، توردا زاكاز قىلغان مەھسۇلات يېتىپ كەلگەندىن كېيىن سىرتقى ئورالمىسىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. بىز ۋىرۇسنىڭ ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاندىن باشقا، ئادەم بىلەن نەرسە ئوتتۇرىسىدا تارقىلىشىدىنمۇ ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك.

  ھەر بىر ئادەم ئۆز ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئۈچ ئاز»، «ئۈچ دائىم»، «ئۈچ بالدۇر»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

  يۇقۇم ھەممىمىزگە ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇردى، پىروفېسسور ساۋ گاۋفاڭنىڭ قارىشىچە، «مەن ئۆزۈمنىڭ ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى» دېگەن ئومۇمىي تازىلىق قارىشىنى جايىدا تۇرغۇزۇشتا، ناچار تازىلىق، ساغلاملىق ئادىتىنى تەڭشەش ۋە ئۆزگەرتىشتە، ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ ئاڭلىقلىقى ياكى كۆز قارىشىدىكى ئۆزگىرىشكە تايىنىپ چىڭ تۇرۇش كېرەك ئىكەن.

  ساۋ گاۋفاڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئۈچ ئاز»، «ئۈچ دائىم»، «ئۈچ بالدۇر»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ياخشى تازىلىق، ساغلاملىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى. «ئۈچ ئاز» دېگىنىمىز ئوپچە تاماقنى ئاز يېيىش، ئاز يىغىلىش، ئاز تىگىشىش؛ «ئۈچ دائىم» دېگىنىمىز دائىم قولنى يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دائىم چېنىقىش؛ «ئۈچ بالدۇر» دېگىنىمىز بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش.

  «ئوپچە تاماقنى ئاز يېيىش» كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇش، بىر تەخسىدە تاماق يېيىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى، ئاشقازان بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى، زۇكام ۋىرۇسى قاتارلىقلارنىڭ تارقىلىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ، ئائىلىدىكىلەر، دوستلار يىغىلىپ تاماق يېگەندە تاماقنى ئايرىپ يېيىش، ئەڭ ياخشىسى ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىش، ھاراق تۇتقاندا رومكا سوقۇشتۇرماسلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىشنى ئازايتىش ۋىرۇس تارقىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ساۋ پىروفېسسور مۇنداق دېدى: ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىش بىر قىسىم كىشىلەرگە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى بۇزغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئەمما بۇ خىل ناچار قاراشنى چۆرۈپ تاشلاش، ھەتتا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق چەكلەشكىمۇ بولىدۇ.

  «ئاز يىغىلىش» ئادەم كۆپ، قىستا-قىستاڭ ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغان تەقدىردىمۇ ماسكا تاقاش، خالىغانچە تۈكۈرمەسلىك، گەپ قىلغاندا ئاۋازى بەك يۇقىرى بولماسلىق، جەمئىيەت ئالاقە ئارىلىقى بىر مېتىردىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

  «ئاز تېگىشىش» مۈشۈك، ئىت، قۇش، چاشقان ۋە ئۇلارنىڭ گەندىسى ھەم چىقىرىندىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆلگەن ياكى گۇمانىي ئاغرىق ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  «دائىم قولنى يۇيۇش» تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن ۋە بۇلغىما بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قولنى ۋاقتىدا يۇيۇشنى كۆرسىتىدۇ. قول يۇغاندا سوپۇن، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش، ئىككى قولنىڭ بارماق ئۇچى، بارماق ئارىلىقى، بارماق بوغۇمى، ئالقان، قول دۈمبىسىنى تەكشى ئۇۋۇلاپ يۇيۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  «دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش» ھەر كۈنى دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋاقتى ئادەتتە 30 مىنۇتتىن يۇقىرى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئائىلىدىكىلەر ياكى ئەتراپىدا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار بىمارلار بولسا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش كېرەك.

  «دائىم چېنىقىش» ھەر كۈنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىشقا دىققەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. چېنىقىش ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، يەنە كۆكتات، مېۋە قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.

  «ئۈچ بالدۇر» دېگىنىمىز قىزىش، يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، بولۇپمۇ نەپەس قىيىنلىشىپ قان تۈكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرى قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: ۋاقتىدا ماسكا تاقاپ، ئائىلىدىكىلەر بىلەن بولغان ئارىلىقنى مۇۋاپىق ساقلاپ، دەرھال مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش، كېسەل كۆرسەتكەندە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان-شۇغۇللانمىغانلىقىنى، سېتىش، سويۇش ۋە كېسەل قوزغىلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئۆي قۇشلىرى بىلەن ئۇچراشقان-ئۇچراشمىغانلىقىنى دوختۇرغا ئېيتىش ھەمدە بالدۇرراق داۋالاشقا پائال ماسلىشىش كېرەك.

  ساۋ گاۋفاڭ مۇنداق قارىدى: كىشىلەر ياخشى تازىلىق، ساغلاملىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، «ئۈچ ئاز»، «ئۈچ دائىم»، «ئۈچ بالدۇر»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى سورۇنلارغا ئىمكانقەدەر ئاز بېرىپ، يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىپ، چېنىقىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرغاندا، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدۇ.

تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.