يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىدىن ئاممىۋى مۇداپىئەلىنىشتىكى ئاددىي كۆرسەتمە
【发布时间】2020-09-02  作者:xirenay  来源:天山网

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاممىۋى تازىلىق ئېڭى ۋە شەخسىي مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىدىن ئاممىۋى مۇداپىئەلىنىش قوللانمىسى» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك، قولاي ۋە ئاسان، ئىلمىي ۋە ئەسقاتىدىغان بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ كۆرسەتمە تۈزۈلدى.

بىرىنچى، شەخسىي مۇداپىئە

(بىرىنچى) ماسكىنى توغرا تاقاش

1. ئادەتتىكى ئاممىنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا ئىشلىتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، شارائىتى بار ھەم سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرگەن ئەھۋالدا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماسكىسى تاقىسا بولىدۇ.

2. ماسكا تاقىغاندا، بۇرۇن قىسقۇچنى ئۈستىگە، قېنىق رەڭلىك تەرىپىنى سىرتقا قارىتىپ تاقاش (ياكى پۈرمىسىنى تۆۋەنگە قارىتىپ تاقاش)؛ پۈرمىنى يېيىپ ئېچىپ، ماسكا بىلەن ئېغىز، بۇرۇن، ئېڭەكنى يېپىش كېرەك؛ ئىككى قولنىڭ بارماق ئۇچى بىلەن قاڭشاردىكى مېتال تاياقچىنىڭ ئوتتۇرىدىن ئىككى يانغا بويلاپ ئاستا-ئاستا ئىچى تەرەپكە بېسىپ، ماسكىنى قاڭشارغا چىڭ چاپلاشتۇرۇش كېرەك؛ ماسكىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ماسكىنىڭ چۆرىسىنى يۈزگە ھىم كەلتۈرۈش كېرەك.

3. ئۈچ سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش، ئەگەر ماسكا نەم بولۇپ قالغان بولسا ياكى ماسكىغا ئاجرالمىلار چاپلىشىپ قالغان بولسىمۇ ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

(ئىككىنچى) قولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش

4. قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى سورۇندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاماقتىن بۇرۇن ۋە تەرەتتىن كېيىن، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن بىلەن قولنى ئېقىۋاتقان سۇدا يۇيۇش كېرەك، ياكى ئىسپىرت تەركىبى بولغان يۇيۇش ھاجەتسىز قول تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش كېرەك. ئىككى قول نەپەس يولى ئاجرالمىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن (مەسىلەن: چۈشكۈرگەندىن كېيىن) دەرھال يۇيۇش كېرەك.

5. سەپەردە پاكىز سۇ يوق بولۇپ، قول يۇيۇش قولايسىز بولغاندا، ئىسپىرت تەركىبلىك دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن قولنى پاكىزلاش كېرەك.

6. ياخشى بولغان نەپەس يولى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش، يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە قەغەز، لۆڭگە ياكى يەڭ بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى ئېتىش، يۆتەلگەن ياكى چۈشكۈرگەندىن كېيىن قولنى يۇيۇش، ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆز، بۇرۇن ياكى ئېغىزنى تۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

(ئۈچىنچى) سىرتقا چىقىش ۋە يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتنى ئازايتىش

7. سىرتقا چىقىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلگەندە ماسكا تاقاش، ئىمكانقەدەر پىيادە مېڭىش ياكى ئائىلە ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇش، سىرتتا تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش كېرەك.

8. يىغىلىش، توپلىشىپ غىزالىنىش، توپلىشىپ قۇرۇق پاراڭ سېلىش قاتارلىق يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئازايتىش، ئادەم زىچ توپلىشىدىغان ۋە شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى ئەمەس سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

9. سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە ئوراپ ئېلىپ كېتىش، تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، توپلىشىپ تاماق يېيىشتىن، ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

10. كۆرۈشۈپ ئەھۋال سورىغاندا بىر مېتىردىن يۇقىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقى ساقلاش، باشقىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشنى ئازايتىش كېرەك.

(تۆتىنچى) بەدەن ساپاسى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش

11. مۇۋاپىق غىزالىنىش، تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش كېرەك.

12. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ياخشى بولغان سالامەتلىك ئەھۋالىنى ساقلاش كېرەك.

13. قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات قىلىش، تاماكا تاشلاش، ھاراقنى ئاز ئىچىش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

14. كۆڭۈل ئازادىلىكىنى، روھىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش كېرەك.

(بەشىنچى) سالامەتلىكنى كۆزىتىش-ئۆلچەشنى كۈچەيتىش

15. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، قىزىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش كېرەك. ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغاندىكى گۇمانلىق كېسەل ئالامەتلىرى (قىزىش، يۆتىلىش، گال ئاغرىش، دېمى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، يېنىك دەرىجىدە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، روھىي ھالىتى سەل ناچار بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، باش ئاغرىش، يۈرەك سېلىش، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، پۇت-قول ياكى بەل-دۈمبە مۇسكۇللىرى يېنىك دەرىجىدە سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىقلار) كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

16. كېسەل كۆرسىتىشتە ئالدىن قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى بار بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنى تاللاش، دوختۇرخانىغا بېرىش يولىدا ۋە داۋالىنىش جەريانىدا ماسكا تاقاش، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى چاقىرىش ياكى ئائىلە ئاپتوموبىلى بىلەن ئاغرىقنى توشۇش، مۇمكىن بولسا، يولدا ئاپتوموبىلنىڭ دېرىزىسىنى ئېچىۋېتىش كېرەك.

17. داۋالانغاندا، كېسەللىك ئەھۋالى ۋە داۋالىنىش جەريانىنى ئەينەن، تەپسىلىي بايان قىلىش، بولۇپمۇ دوختۇرغا يېقىنقى مەزگىلدە يۇقۇم ئەھۋالى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردا تۇرۇپ قېلىش تارىخى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى ياكى گۇمانىي ئاغرىقلار، ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېيتىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئائىلىدە مۇداپىئەلىنىش

(ئالتىنچى) ياخشى بولغان ئائىلە تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش

18. ئۆينىڭ دېرىزىسىنى پات-پات ئېچىپ، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

19. ئائىلە ئەزالىرى لۆڭگىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، ئۆي جاھازلىرى، قاچا-قۇچىلارنى پاكىز تۇتۇش، يوتقان-كۆرپىلەرنى پات-پات ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش كېرەك.

20. ئاممىۋى قوشۇق، ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئايرىپ غىزالاندۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

21. ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

22. ياۋايى ھايۋانلار(يەنى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشى)غا يېقىنلاشماسلىق، ئۇلارنى سېتىۋالماسلىق ۋە يېمەسلىك؛ تىرىك ھايۋانلار(ئۆي قۇشلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ياۋايى ھايۋانلار)نى ساتىدىغان بازارغا بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

23. خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىك، ئېغىز-بۇرۇندىكى ئاجرالمىلارنى قەغەز بىلەن ئوراپ، ياپقۇچى بار ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش كېرەك.

(يەتتىنچى) ئاشخانا تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش

24. ئىمكانقەدەر تىرىك چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، دېڭىز (سۇ) مەھسۇلاتلىرىنى خام يېمەسلىك، گۆش، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم قاتارلىقلارنى تولۇق پىشۇرۇش كېرەك.

25. خام بىلەن پىشىقنى ئايرىش، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارچە قاچىلانغان سوغۇق گۆشلۈك پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. خام، يېڭى يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچراشقان قاچا، ئەمبەل، پىچاق، سۇ كۆلچىكى ۋە ئورالما قاپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

26. سوغۇق زەنجىرسىمان خام، يېڭى يېمەكلىكلەرنى مۇنتىزىم يول ئارقىلىق سېتىۋېلىپ ۋە ئىستېمال قىلىپ، خام، يېڭى يېمەكلىك مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سېتىۋالغان خام، يېڭى يېمەكلىكنى شۇ ۋاقلىق تاماقتا يەۋېتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەگەر داۋاملىق سوغۇق ساقلىماقچى ياكى توڭلاتماقچى بولغاندا، يېمەكلىكنى ھىم ئوراپ، ئۆزئارا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئېقىۋاتقان سۇ بىلەن يۇغاندا، ئاستا يۇيۇش، چاچراپ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

(سەككىزىنچى) كۈندىلىك تازىلىق، دېزىنفېكسىيەنى ياخشى ئىشلەش

27. قاچا-قۇچا ۋە چىنە-چەينەكلەرنى دېزىنفېكسىيەلەشتە فىزىكىلىق دېزىنفېكسىيەلەش ئالدىن تاللىنىدۇ، سۇدا 15-30 مىنۇت قاينىتىش ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق دېزىنفېكسىيىلەش ساندۇقى (ئىشكاپى)دا دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

28. ئۈستەل يۈزى، ئىشىك تۇتقۇچى، تېلېفون، ۋىكليۇچاتېل، چەينەك تۇتقۇچى، تەلەڭگە، تەرەت قاچىسى قاتارلىق دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان جىسىملارنىڭ يۈزىنى خلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى (ئۈنۈملۈك خلور قويۇقلۇقى (500mg/L – 250mg/L) بىلەن سۈرتۈپ، 30 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، پاكىز سۇدا پاكىز چايقىۋېتىش كېرەك.

29. تەركىبىدە خلور بولغان دېزىنفېكسىيە دورىسى (ئۈنۈملۈك خلور قويۇقلۇقى 500mg/L – 250mg/L) بولغان پول سۈرتكۈچنى نەمدەپ سۈرتۈپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن يەنە پاكىز سۇدا پاكىز چايقىۋەتسە بولىدۇ.

30. تازىلىق ئۆيىنىڭ شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر كۈنى دېرىزىنى ئىككى - ئۈچ قېتىم ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ دېزىنفېكسىيەلەشنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، سۇ چۈشۈرگەندە تەرەت قاچىسىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قويۇش، قەرەللىك ھالدا تەركىبىدە خلور بولغان كۆپۈكلىشىدىغان تابلېتكا بىلەن تەرەت قاچىسىنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

31. يەر ئاستى تۇرۇبا يولى(ئەۋزەر يولى)، تازىلىق ئۆيىدىكى يۇندا تۆشۈكى قاتارلىقلارنىڭ U شەكىللىك سۇ ھىملىگۈچىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، سۇ كەمچىل بولغاندا ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش كېرەك.

ئۈچىنچى، سەپەردىكى مۇداپىئە

32. سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن، بارىدىغان يەرگە ئاساسەن، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا (ئادەتتىكى يەرگە بارغاندا) ياكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماسكىسىدىن بىر نەچچىنى تەييارلىۋېلىش (ئادەم بىرقەدەر زىچ توپلاشقان رايونغا بارغاندا)، قولايلىق بولسا بىر بوتۇلكا يۇيۇش ھاجەتسىز قول تازىلاش سۇيۇقلۇقى ياكى دېزىنفېكسىيە قەغىزى ئېلىۋېلىش كېرەك.

33. پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، شەخسىي ئاپتوموبىل ياكى ئاپتوبۇستا سەپەرگە چىقىشنى ئالدىن تاللاش كېرەك.

34. چوقۇم ئاممىۋى ئاپتوبۇس، مېترو، پويىز، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش توغرا كەلگەندە، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاش، باشقىلار بىلەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، ئاممىۋى بۇيۇم ياكى باشقا ئورۇنلارغا تېگىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، قولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك، بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان پەلەي تاقاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

35. ۋوگزال، ئايرودروم قاتارلىق جايلاردا خىزمەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىش-ئۆلچىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ۋوگزال، ئايرودرومدا تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر قىسقارتىش كېرەك.

تۆتىنچى، ئاممىۋى سورۇنلاردا مۇداپىئەلىنىش

(توققۇزىنچى) ئىشخانا

36. ئەگەر خىزمەت ئورنى ئېگىز قەۋەتتە بولمىسا، ئادەم ئېقىمى كۆپ لىفىتقا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پەلەمپەيدىن چىقىش تەكلىپى بېرىلىدۇ؛ لىفىتقا ئولتۇرغاندا پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاش؛ تازىلىق قەغىزى بىلەن لىفىت كۇنۇپكىسىنى بېسىش كېرەك.

37. ئىش بېجىرىش رايونىنىڭ مۇھىتىنى پاكىز تۇتۇش، دېرىزىلەرنى پات-پات ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىم 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىق، خىزمەتداشلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئىمكانقەدەر بىر مېتىردىن ئارتۇق بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش كېرەك.

38. يان تېلېفون، ئىشىك تۇتقۇچى، مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى، خىزمەت كىنىشكىسى، ئوقۇش قورالى، ئورۇندۇق، لىفىت كۇنۇپكىسى قاتارلىق قول ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئورۇن ۋە بۇيۇملارنى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

39. سىنلىق يىغىن، تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ياكى كىچىك كۆلەملىك يىغىنلارنى كۆپرەك ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىش، مەجلىسخانا دېرىزىلىرىنى كۆپرەك ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئادەم توپلىشىش قېتىم سانى ۋە يىغىلىدىغان ئادەم سانىنى ئازايتىش كېرەك.

(ئونىنچى) ئاشخانىدا غىزالانغاندا

40. توپلىشىپ غىزالىنىشتىن ساقلىنىش، تارقاق غىزالىنىش ياكى نۆۋەتلىشىپ غىزالىنىشنى تەشەببۇس قىلىش، تاماقنى ئوراپ ئىش بېجىرىش ئورنى ياكى تۇرالغۇغا ئېلىپ كېتىپ ئايرىم غىزالىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

41. ئاشخانىغا بېرىپ غىزالانغاندا ماسكىنى توغرا تاقاش، غىزالىنىشتىن بۇرۇن ئاندىن ئېلىۋېتىش كېرەك.

42. غىزالىنىشتىن ئىلگىرى قولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، غىزالانغاندا مەلۇم ئارىلىق ساقلاش، غىزالىنىش جەريانىدا گەپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

(ئون بىرىنچى) سودا سارىيى، تاللا بازىرى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا

43. ئامال بار توردىن مال زاكاز قىلىش كېرەك، سىرتقا چىقىپ مال سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە، مال سېتىۋېلىش تىزىملىكىنى ياخشى تۈزۈپ، ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى بىر قېتىمدىلا سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، زۆرۈر بولمىغان سىرتقا چىقىشنى ئازايتىش كېرەك.

44. يېقىن ئەتراپتىكى سودا سارىيى ياكى تاللا بازىرىنى تاللاپ، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكىنى توغرا تاقاش؛ ئادەم بىلەن ئادەم بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاش، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش، نەرسە-كېرەكلەرنى تاللىغاندا بىر يەرگە توپلىشىۋالماسلىق كېرەك.

45. ئىمكانقەدەر پىيادە مېڭىش، ۋاگونسىمان لىفىتقا ئاز ئولتۇرۇش، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئاممىۋى بۇيۇم ۋە ئورۇنلارغا تەگمەسلىك؛ مۇداپىئەسىز ھالەتتە، توڭلىتىلغان يېڭى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش؛ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ھېسابات قىلغاندا، بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ، ئاپتوماتىك ھېسابات قىلىش ياكى ئېلېكترونلۇق پۇل تۆلەشنى ئالدىن تاللاش كېرەك.

بەشىنچى، داۋالىنىشتىكى مۇداپىئە

46. مۇنتىزىم ئالاقە تورى ئۇلانغان دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىشنى ئالدىن تاللاش، كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكرەك، قىزىتما كۆرۈلمىگەن كېسەللەرنى مەھەللە دوختۇرخانىسىدا كۆرسىتىشنى ئالدىن تاللاش كېرەك. ئىمكانقەدەر ئالدىن كېلىشىپ كېسەل كۆرسىتىش، كېسەل كۆرسىتىشنىڭ باس-باس ۋاقتىدىن چەتنەش، ھەمراھ بولىدىغانلارنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك.

47. كېسەل كۆرسىتىش جەريانىدا ئاغرىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ماسكا تاقىشى، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى، %70لىك ئېتىل ئالكوگوللۇق يۇيىۋېتىش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياكى پەلكۈچ ئېلىۋېلىشى؛ داۋالاشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن يېنىدا بىر يېڭى ماسكا ئېلىۋېلىشى كېرەك.

48. ئىمكانقەدەر دوختۇرخانىدىكى ئاپتوماتىك نومۇر ئېلىش ماشىنىسى، ھەق ئېلىش ماشىنىسى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ، خادىملارنىڭ ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىش؛ قول جىسىملارنىڭ يۈزىگە تېگىپ كەتكەندە، ئېغىز، كۆز، بۇرۇننى تۇتماسلىق، قولنى ۋاقتىدا ئېقىۋاتقان سۇدا يۇيىۋېتىش كېرەك.

49. شارائىتى بارلار دوختۇرخانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يېنىدا ئېلىۋالغان دېزىنفېكسىيە بۇيۇمى بىلەن قولىنى دېزىنفېكسىيەلىشى كېرەك.

50. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن دەرھال كىيىم-كېچەكلەرنى ئالماشتۇرۇپ، كىيىملەرنى تېزدىن يۇيۇپ، ئاپتاپقا سېلىش كېرەك.