تاماكا تاشلاشنىڭ پايدىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ زىيىنى
【发布时间】2020-09-07  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بالدۇر تاماكا تاشلىغاندا ئاستا خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، ئۆپكە راكى قاتارلىق 28 خىل كېسەللىكتىن يىراق تۇرغىلى بولىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، تاماكا ھەر يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى 8 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تەخمىنەن 7 مىليون ئادەم تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم ئىككىلەمچى تاماكىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. 

 تاماكا تەركىبىدىكى يۆلىنىشچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ماددا نىكوتىن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى فارماكولوگىيە ۋە ھەرىكەت جەريانى ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان باشقا ماددىلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن: خروئىن ۋە كوكائىن قاتارلىقلار. بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسى تاماكا تاشلاش ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مەسئۇلى، پىروفېسسور لياڭ لىروڭ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىكوتىن بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندە، چوڭ مېڭىنىڭ ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان دوپامىن قويۇپ بېرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، تاماكىغا تايىنىش شەكىللىنىپ، خۇمار بولۇپ قالىدۇ.

 مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى تاماكا تاشلاشنىڭ پايدىسى كۆپ. تاماكا چەككۈچىلەرنى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرىچە ئۆمرى تەخمىنەن 10 يىل قىسقىرايدۇ. 40،50،60 ياكى 30 ياشقا كىرگەندە تاماكا تاشلىسا ئايرىم- ئايرىم ھالدا تەخمىنەن 3، 6، 9 ياكى 10 يىللىق كۆزلىمە ئۆمۈرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ دادا بولۇش ئالدىدىكى ئەرلەر تاماكىنى قانچە بالدۇر تاشلىسا، بوۋاقنىڭ ساغلام بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئاتا- ئانىلاردىن ھەر قانداق بىر تەرەپ تاماكا چەكسە، بالىلارنىڭ يۇقىرى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، تۆۋەن نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ۋە دىمى سىقىلىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاتا- ئانىسى تاماكا چەكمەيدىغان بالىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلارنىڭ نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش قېتىم سانى ئىككىلەمچى تاماكا ئىسىنى سۈمۈرۈشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئاشىدۇ.

 تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇش كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆپكە راكىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى بىلەن تاماكا بارغانسېرى كۆپلىگەن گۇمانلارنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر خىل مەھسۇلات ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئېلېكتىرونلۇق تاماكا تۇمانلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق، نىكوتىن قاتارلىقلارنى پارغا ئايلاندۇرىدۇ، ئېلېكتىرۇنلۇق تاماكا چېكىش ئۆپكىنى زەخىملەندۈرمەيدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىنغاچقا، نۇرغۇن كىشى ئېلېكتىرونلۇق تاماكىغا تېخىمۇ بېرىلىپ كەتكەن. دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەر توپىدا ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىدىغانلار تەخمىنەن 10 مىليونغا يېتىدىكەن.

 تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ زىيىنى ئاستا- ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ئۇ سودىگەرلەر ئېتقاندەك زىيانسىز ئەمەس، تاماكا تاشلاشقىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ. بېيجىڭ دوختۇرخانىسى نەپەس يولى ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن كاندىدات مۇدىر ۋىراچ جۇ ۋېي مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئىسى تەركىبىدىكى فورمالدېگىدنىڭ قويۇقلۇقى ئۆي ئىچى ھاۋاسىدىكى فورمالدېگىدنىڭ ئەڭ يۇقىرى قويۇقلۇقىدىن نەچچە ئون ھەسسە، ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. ئىس- تۈتەك تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا پروپىلېن گىلىكول ۋە گىلىتسېرىن تەكشۈرۈپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇ قىزدۇرۇلغاندىن كېيىن، نەپەس يولىغا قارىتا كۈچلۈك غىدىقلاش رولىنى ئوينايدىكەن.

 مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ تۆت چوڭ زىيىنى بار بولۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى ساھەسىدە ئاللىقاچان ئاشكارلانغان.

 بىرىنچى، كۆپ ساندىكى ئېلېكتىرونلۇق تاماكىدا ئادەتتىكى تاماكىغا ئوخشاش نىكوتىن بار. نىكوتىنغا ئاسانلا خۇمار بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە زىيانلىق بولۇپ، 20 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

 ئىككىنچى، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ تەركىبىدە زىيانلىق گازدا ئېرىيدىغان يىلىم بار. بۇ خىل ئائېروزول تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق خىمىيەلىك ماددىلار ۋە ئېغىر مېتاللار بار.

  ئۈچىنچى، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ باتارېيەسىدە كاشىلا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بار بولۇپ، قول، يۈز قىسمى كۆيۈپ يارىلىنىش قاتارلىق خەۋپ- خەتەرلەر مەۋجۈت. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىلار ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەر تاماكا سۇيۇقلۇقىنى يۇتۇۋېلىپ، سۈمۈرۈۋېلىپ ياكى تېرە، كۆزنى تاماكا سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ زەھەرلىنىدىكەن.

  تۆتىنچى، بەزى ئېلېكتىرونلۇق تاماكا سودىگەرلىرى ئوخشىمىغان تەمدىكى ئېلېكتىرونلۇق تاماكىلارنى، مەسىلەن: مېۋە تەملىك قاتارلىقلارنى بازارغا سېلىپ، يېشى تۆۋەن تاماكا چەككۈچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. بۇ تېخىمۇ كۆپ ياش- ئۆسمۈرلەرنى ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چەككۈچىلەر قاتارىغا كىرگۈزىدۇ.