ئۇزۇن ۋاقىت ماسكا تاقاش سەۋەبلىك تېرە بىئارام بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
【发布时间】2020-09-08  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  1- مەسىلە: يۈز تېرىسىدە ئىز قېلىش، تېرە يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش.

 پەيدا بولۇش سەۋەبى: ئۇزۇن ۋاقىت ماسكا تاقىغاچقا، تېرە توقۇلمىلىرى بېسىلىش، سۈركىلىشتىن كېلىپ چىققان مېخانىكىلىق زەخىم بولۇپ، دائىم ئۇچرايدىغان ئورۇنلىرىدىن ماسكا باغلاش يىپى بىلەن ئۇچراشقان يۈز ياڭاق سۆڭىكى، مەڭزى قىسمى، قۇلىقىنىڭ كەينى، ماسكا بىلەن تېگىشىدىغان بۇرۇن ئۈستى قاتارلىق جايلار.

  ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى:

 1. چىڭ- بوشلىقى مۇۋاپىق كېلىدىغان ماسكا تاقاش كېرەك. شەھەر ئاھالىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەتتە تۆۋەن خەۋپ- خەتەر مۇھىتىدا، بىر قېتىملىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلىتىلىدۇ. قۇلاققا ئاسمايدىغان ماسكا، مەسىلەن: تاسما شەكىللىك ماسكا تاقىسا، قۇلاقنىڭ ئارقا تېرىسىگە بولغان سۈركىلىش ۋە بېسىمنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

 2. ئەگەر شارائىتى يار بەرسە، 2- 3 سائەتتىن كېيىن ماسكىنى ئېلىۋېتىپ ياكى ماسكىنىڭ ئورنىنى مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇپ، شۇ بىر ئورۇننىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

 3. تېرە سىلىقلاش دورىسى سۈركىگەندە، ماسكىنىڭ گىرۋىكىدىكى سۈركىلىشنىڭ تېرىگە بولغان غىدىقلىشىنى ئازايتىشقا بولىدۇ.

 ئىككىنچى مەسىلە: قىزىل داغ، دۆڭچە ئەسۋە، قىچىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلۈش.

 پەيدا بولۇش سەۋەبى:

 1. ماسكا ماتېرىيالى. مەسىلەن، توقۇلمىسىز رەخت، مېتال قىسقۇچ، كاۋچۇك تاسما قاتارلىقلار ئاز ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىپ، ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 2. لاياقەتسىز ماسكا ئىشلىتىلسە، ساختا، ناچار ماتېرىياللار تېرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

 3. بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ماسكا تاقاش ياكى زىيادە تازىلاش سەۋەبىدىن تېرە زەخىملەنگەن، ماسكا ئىچى نەملىشىپ، باكرىتىيە شەكىللىنىش سەۋەپلىك پەيدا بولغان تېرە قىزىرىپ ئىششىش، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.