دېزىنفېكسىيەلىگەندە كۆزنى قانداق ئاسراش كېرەك؟»
【发布时间】2021-04-02  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

▲ ئىسپىرت تۈرىدىكى دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلەتكەندە ئامال بار سۈرتۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، كەڭ كۆلەمدە پۈركۈشتىن ساقلىنىش، ئائىلىدە ساقلانغان ئىسپىرت 500 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئاپتاپ چۈشمەيدىغان سالقىن جايغا، ئوت مەنبەسىدىن يىراقراق ھەمدە كىچىك بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان جايغا قويۇش كېرەك. ئەگەر ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا كۆز كۆيۈپ يارىلىنىش، نۇردىن قورقۇش، ياش ئېقىش، كۆز قاپىقى تارتىشىپ قېلىش، كۆيۈش سېزىمى بولۇش، غەيرىي ماددا سېزىمى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

▲ ئىسپىرت كۆزگە كىرىپ كەتسە كۆزنى ھەرگىز ئۇۋۇلىماسلىق، ۋاقتىدا ئېقىۋاتقان پاكىز سۇ بىلەن بىرىكتۈرگۈچى پەردە خالتىسىنى 30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە يۇيۇش، يۇيغاندا كۆز ئالمىسىنى ئايلاندۇرۇپ بېرىش، ئېغىر بولسا دەرھال كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

▲ پېروكسى ئاتسېتىك كىسلاتاسى، 84 تىپلىق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق خىلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلىقىمۇ ھاۋا، جىسىم ۋە يەر يۈزىنى دېزىنفېكسىيەلەشتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل قويۇقلۇقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان خىمىيىلىك دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلىقى ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزگە چاچراپ كەتسە، كۆز مۈڭگۈز پەردىسى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە توقۇلمىلىرى كۆيۈپ يارىلىنىپ، كۆز قىزىرىش، كۆز ئاغرىش، نۇردىن قورقۇش، ياش ئېقىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا دەرھال كۆپ مىقداردا ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇ بىلەن بىرىكتۈرگۈچى پەردە خالتىسىنى يۇيۇش لازىم. مۈڭگۈز پەردە ئېغىر زەخىملىنىپ كۆرۈش قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەنلەرگە قارىتا، دەرھال كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىتىش كېرەك.

▲ كىسلاتالىق خىمىيىلىك دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلىقىنى ئىشلەتكەندە سېتىۋېلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېھتىياجلىق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقىنى توغرا تەڭشەش، ئۆي ئىچىنى دېزىنفېكسىيەلەپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، مەشغۇلات قىلغاندا پەلەي كىيىپ، ماسكا، كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقاپ، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك.