ئەتىيازدا ياۋا كۆكتات يىگەندە، ئېھتىيات قىلىڭ
【发布时间】2021-04-21  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلدى، يول بويىدىكى گۈل- گىياھلار بەس- بەستە بىخلىنىشقا باشلىدى، بۇ دەل سىرتقا چىقىپ باھار سەيلىسى قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت. كۆپىنچە كىشىلەر بۇ كۈنلەردە باھار سەيلىسى قىلغاندىن باشقا كۆكتاتلىققا، چىغىر يول بويلىرىغا بېرىپ ياۋا كۆكتات كولاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

▲ ئەمما، ياۋا كۆكتاتلارنىڭ سورتى ۋە ئوزۇقلۇق ئۈنۈمىنى كۆپ سانلىق كىشىلەر ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ياۋا كۆكتاتقا بولغان كۆپ قىسىم چۈشەنچىسى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىدىن كەلگەچكە، ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن بۇ گەپلەرنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. يەنە بىر قىسىم ياۋا كۆكتاتلار ھەتتا زەھەرلىك.

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، بىر چاڭشالىق ئايال خاتا ھالدا زەھىرى كۈچلۈك- بەنشا يەنى (تېزغا) نى ئادەتتىكى ياۋا كۆكتات ئورنىدا خام يەپ قالغانلىقتىن، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن «ياۋا كۆكتات يىگەندە ئىھتىيات قىلىش كېرەك» لىكى توغرىسىدا ئورتاقلاشماقچى.

▲ بىرىنچى، پەسىلگە ماس كېلىدىغان ياۋا كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش سالامەتلىككە پايدىلىق، دېگەن خاتا قاراش.

نۇرغۇن كىشى ياۋا كۆكتاتلارنى تەبئىي، زىيانسىز، يېشىل ھەم ساغلام دەپ قاراپ، ياۋا كۆكتات تىرىپ يېگەن ياخشى دېگەنگە قارىغۇلارچە ئىشىنىدۇ. ئەپسۇس ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. 2020- يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ياۋا كۆكتاتلار تەركىبىدىكى ئېغىر مېتال مىقدارى توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭدىكى باغچا، تاغ ئورمىنى، ئولتۇراق رايون، يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ياۋا كۆكتات تەركىبىدىكى ئېغىر مېتال مىقدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، زىيانسىز كۆكتاتلارنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپىدىن ئېشىپلا قالماي، يېمەكلىك تەركىبىدىكى بۇلغىما مىقدارىمۇ ئېشىپ كەتكەن.

▲ دېمەك، قارىماققا تەبىئىي كۆرۈنىدىغان بۇنداق ياۋا كۆكتاتلار ساغلاملىققا پايدىلىق بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. مەيلى سىز مەنزىرىسى گۈزەل، تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، ئادەملىرى ئېسىل گۆھەر زېمىندىن ياۋا كۆكتات تاپقان بولۇڭ، ئوخشاشلا يەنىلا خەتەر مەۋجۇت دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، كىشىلەر ئاسانلا بۇنداق ياۋا كۆكتاتلارنى خاتا تونۇۋالىدۇ.

▲ نۇرغۇن زەھەرلىك ئۆسۈملۈكنىڭ كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى ياۋا كۆكتاتلارغا بەكلا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ زەھەرلىك ئۆسۈملۈك، قايسىسىنىڭ زەھەرسىز ياۋا كۆكتاتلىقىنى ئاسانلىقچە پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك ھەر يىلى زەھەرلىك ياۋا كۆكتاتلارنى ئۇقۇشماي يەپ سېلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالىدىغانلار ئاز ئەمەس.

 ▲ ئىككىنچى، سالامەتلىككە پايدىلىقلا بولغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى خالىغانچە يېيىشكە بولىدۇ، دېگەن خاتا قاراش.

 ھەرقانچە ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقىرى، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىك بولسىمۇ، ئەگەر پىشۇرۇش ئۇسۇلىدا خاتالىق كۆرۈلسە سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ناۋادا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى كۆرۈلسە، يېنىك بولغاندا بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئېغىر بولغاندا شۇ كىشىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. تونانى (香椿) ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ بىر خىل ياۋا كۆكتات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم يېڭى ھەم يېيىشلىك، ھەم ئىنتايىن يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە. لېكىن، مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلمىسا، ياكى پىشۇرۇش ئۇسۇلى خاتا بولسا، تەندە بىئاراملىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. تونانىڭ تەركىبىدە يەنە بىر خىل ئالاھىدە خۇش پۇراق ماددا بولۇپ، بەزى كىشىلەرنىڭ زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بەدىنى قىچىشىش دېگەندەك. ئەگەر بۇنداق زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى كۆرۈلگەندە، ئۇنى يېمەسلىك ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

▲ ئۈچىنچى، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلغان كۆكتات، مېۋىلەرنى چوقۇم يېيىشكە بولمايدۇ، دېگەن خاتا قاراش.

ھەر يىلى ئەتىيازدا، توردا «ئەڭ مەينەت 12 خىل كۆكتات، مېۋە» تىزىملىكى پەيدا بولىدۇ. ساۋمېي بۇ تېزىملىكتە ئۇدا بەش يىلدىن بۇيان بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان، «پاكىزلىق دەرىجىسى ئۆلچەمگە يەتمىگەن مېۋە» گە ئايلىنىپ قالغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ئاساسلىقى ھەر بىر ساۋمېينىڭ ئىچىدىن تەكشۈرۈپ چىقىلغان دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغانلىقىدا. لېكىن، دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈش- يەتكۈزمەسلىكىنى ئۇنىڭ مىقدارى بەلگىلەيدۇ. ئوخشاش بولمىغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈش مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ كۆرسەتكۈچ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈنلەي ئۆلچىيەلمەيدۇ. ساۋمېيدىكى قالدۇق دېھقانچىلىق دورىلىرى گەرچە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ماددا بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىقدارىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ زەھىرى ئۈستىدە توختىلىشقا بولمايدۇ. بازاردىكى مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق سېتىۋالغان ساۋمېيدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقىنى بىخەتەرلىك مىقدارى دائىرىسىدە دېيىشكە بولىدۇ.