بىر پارچە دەسمال زادى قانچىلىك مەينەت؟
【发布时间】2021-05-07  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ئادەتتە ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا دەسمال كەم بولسا بولمايدىغان تازىلاش قورالى. كىچىكى قاچا- قۇچا، چوڭى ئۆي جاھازلىرىغىچە ئۇ ئارقىلىق تازىلىنىدۇ. سىز بەلكىم ئويلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بۇ «ئەپچىل» دەسمال ئەمەلىيەتتە بىر مۇنەۋۋەر باكتېرىيە ئۆستۈرگۈچ بولۇپ، بەدىنىنى نەچچە يۈز مىليون كېسەللىك باكتېرىيەسى ئوراپ تۇرىدۇ.

  نۇرغۇن كىشى پەقەت قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن چايقىغاندىن كېيىن دەسمالنى پاكىز بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ مەينەت. جۇڭخۇا ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىنا جەمئىيىتى ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ ئائىلىدە ئاشخانا تازىلىقىنى تەكشۈرۈش ئاق تاشلىق كىتابى» غا ئاساسلانغاندا، دەسمالنى ئىختىيارىي تەكشۈرۈشتە، كىچىككىنە دەسمالدىكى باكتېرىيە سانى 500 مىلياردقا يەتكەن. ئەگەر سىرتتىن سېتىۋالغان دەسمالنى ئاشخانىدا بەش كۈن ئىشلەتسە، باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى 10 مىليون ھەسسە ئاشىدۇ. بىر پارچە دەسمالغا كۆپ خىل كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاندا، دەسمال بىلەن سۈرتۈپ بولغان جىسىمنىڭ يۈزىگە يەنە يېمەكلىك يۇقۇپ قالغاندا ئىنتايىن ئاسان كېسەل پەيدا قىلىدۇ. 

  دەسمال ئىشلەتكەندە «بىر پارچە دەسمالنى كۆپ ئورۇنغا ئىشلىتىش» تىن ساقلىنىڭ.

 نۇرغۇن ئائىلە ھەمىشە «بىر پارچە دەسمالنى كۆپ ئورۇنغا ئىشلىتىدۇ». تاماق ئۈستىلىنى سۈرتۈپ بولغان دەسمال بىلەن يەنە ئاشخانا ئوچاق بېشىنى سۈرتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل باكتېرىيەلەرنىڭ گىرەلىشىپ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسەل پەيدا قىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئاشخانا دەسماللىرىنى مەخسۇس دەسمال ئورنىدا ئىشلىتىش كېرەك.

  دەسمال ئىشلەتكەندە ئۈچ بىخەتەرلىك تەپسىلاتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ.

 دەسمال ئىشلىتىشتە ئىنچىكە ئىش، تۈرگە ئايرىش، ئالماشتۇرۇش، تازىلاش قاتارلىق باسقۇچلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك.

  ئۆيدىكى دەسمالنى ئەڭ ياخشىسى رايون بويىچە، مەسىلەن: ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى، مېھمانخانا، ياتاق ئۆي قاتارلىقلارغا ئىشلىتىش تۈرىگە ئاساسەن ئايرىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاشخانىدا قاچا- قۇچىلارنى يۇيۇپ سۈرتىدىغان دەسمالنى چوقۇم باشقا نەرسىلەرنىڭ ياكى ئورۇنلارنىڭ يۈزىنى سۈرتۈش بىلەن ئايرىۋېتىش كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، دەسمالنىڭ يۇمشاقلىق دەرىجىسى، پاكىزلىق دەرىجىسىنى ساقلاش، بەك قېتىپ كەتمەسلىكى ھەم شىلىمشىق نەم ھالەتتە بولماسلىقى، بولۇپمۇ ئېنىق پاكىز بولمىغان ئىزلار پەيدا بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر بۇ ئۆلچەمگە يەتمىسە، تازىلىقنىڭ جايىدا بولمىغانلىقىنى ياكى ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن تازىلاش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۈزۈل- كېسىل يۇيۇش، يۇيغان ۋاقىتتا ئۇۋىلاپ بىر كاللەك قىلىپ يۇيماسلىققا دېققەت قىلىش، ئەڭ ياخشىسى بۆلەككە بۆلۈپ بىر بۆلەك- بىر بۆلەكتىن يۇيۇش ھەمدە تولۇق چايقاپ، ئاخىرىدا تەبىئىي ھاۋا ئالماشتۇرۇپ قۇرۇتۇش كېرەك. دەسمالنى دېزىنفېكسىيەلىگەندە، قايناۋاتقان سۇدا قاينىتىپ ياكى يۇقىرى بېسىملىق قازاندا 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە دۈملەپ قويسا، ئادەتتىكى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.