نىمە ئۈچۈن <بەدەن پۇرىقى> خۇشپۇراق ھەم بەتبۇي بولىدۇ؟
【发布时间】2021-05-24  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 قىستا- قىستاڭ مېترودا، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلەر توپى ئىچىدە، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بەلكىم باشقىلاردىن چىققان «بەدەن پۇرىقى» نى پۇراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بەدەن پۇرىقى خۇددى ئادەمنىڭ بارماق ئىزىغا ئوخشاش ئۆزىگە خاس بەلگە. لېكىن، ئوخشاشلا بەدەن پۇرىقى تۇرۇقلۇق نىمىشقا بەزىلەرنىڭ «بەدىنى خۇش پۇراق» پۇرىسا، بەزىلەرنىڭ «بەدىنى بەتبۇي» پۇرايدۇ؟ نىمىشقا ئادەمدە ئوخشاشمىغان بەدەن پۇرىقى بولىدۇ؟

  بەدەن پۇرىقى بىر خىل «ئۇنىۋېرسال گاز» بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەنبەسى بار: يەنى تەر سۇيۇقلۇقى، تېرە يېغى، مۈڭگۈز ماددىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى ياكى باكتېرىيەلەر تەرىپىدىن پارچىلانغاندىن كېيىنكى پۇراقتىن ئىبارەت. قوبۇل قىلىنغان يېمەكلىك، دورا، ئېغىر مېتال قاتارلىقلاردىن پەيدا بولغان پۇراقمۇ بار. نەپەس يولى، تەر، سۈيدۈكتىن تارقالغاندىن كېيىنكى پۇراق، ماددا ئالمىشىش نورمالسىزلىقى ياكى سىستېمىلىق كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان پۇراق، بەدەن يۇيۇش بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، شۇنداقلا كىيىم- كېچەكلەردىكى پۇراق قاتارلىقلارمۇ بولىدۇ.

  بۇ ئوخشاشمىغان مەنبەلەردىكى پۇراقلار ئارىلىشىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە بەدەن پۇرىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

 بەدەن بەتبۇي پۇرىسا، ئادەمنىڭ كۆڭلى غەش بولىدۇ. ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان پۇراقلارنى بىز «بەدەن خۇشپۇرىقى» دەپ ئاتايمىز. ئوخشاش بولمىغان كىشىلەردە ئوخشاش بەدەن پۇرىقىغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان تەسىرات پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، چوققا تەر بېزى (چوڭ تەر بېزى) ئاجرىتىپ چىقارغان تەر سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ھورمۇن بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ تەر سۇيۇقلۇقىدا شىيۇڭ شىتون يەنى (ئەرلىك كېتىن) ى ۋە شىيۇڭ شىچۈن يەنى (ئەرلىك ئىنول) ى بولۇپ، بۇ ئىككى خىل ھورمۇن بەتبۇي پۇرايدۇ. ئەمما، يات جىنىسلارغا نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئەكسىچە، قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ چوققا تەر بېزى تەر سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ھورمۇنمۇ ئەرلەرنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. 

  «بەدەننىڭ بەتبۇي پۇرىقى» قانداق پەيدا بولىدۇ؟

 بەدەن بەتبۇي پۇراشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەنبەسى تەر بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئەڭ كۆپ تەسىر كۆرسىتىدىغىنى قولتۇق پۇراش ۋە پۇت پۇراش. بۇ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تەر بېزىنىڭ رولىدىن كېلىدۇ.

  قانداق قىلغاندا خۇش پۇراقلىق بەدەن پۇرىقىنى «پەيدا قىلغىلى» بولىدۇ؟ 

 گەرچە ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن پۇرىقى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرغاندا، ئۆزىنىڭ بەدەن پۇرىقىنى تېخىمۇ «يېقىشلىق» قىلغىلى بولىدۇ. تەر سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېمپېراتۇرا، ھەرىكەت قىلىش، كەيپىيات، يېمەكلىك، دورا، كېسەللىك ھالىتى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، بەدەن ساغلاملىقىنى ساقلاپ، زۆرۈر تېپىلغاندا تەر توختىتىش مەلھىمى (سۇيۇقلۇقى) ئىشلىتىش ئارقىلىق، تەر سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ۋاقتىدا مۇۋاپىق تازىلاپ، تەر سۇيۇقلۇقىنىڭ بەدەن سىرتىدا تۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، بەدەن سىرتىدىكى باكتېرىيە مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. ئازادە، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان كىيىملەرنى تاللاش-- تەرنىڭ پارلىنىشى ۋە ئېقىشىغا پايدىلىق. يەنە كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ يۇيۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ، ئەتراپلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئامال بار غەيرىي پۇراقلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، مەسىلەن، سامساق، جۈسەي، قەھۋە قاتارلىقلار، تاماكا، ھاراق تاشلاش كېرەك. چىشنى توغرا چوتكىلاشنى ۋە چىش يىپى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش، چىش مىلىكى ياللۇغى پەيدا بولۇشنى ئازايتىش كېرەك. مەيلى بەدەن بەتبۇي پۇرايدىغان ياكى خۇشپۇراق پۇرايدىغان بولسۇن، ئۆزىنىڭ شەخسىي تازىلىقىغا دېققەت قىلىش كېرەك. نىمىلا دىگەن بىلەن ھەر قانچە خۇشپۇراق پۇرايدىغان ئادەممۇ يۇيۇنمىسا يەنىلا پۇرايدۇ.