قانداق قىلغاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش بىلەن <كالتسىي تولۇقلاش> قا تەڭ ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
【发布时间】2021-05-27  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  5- ئاي ئاللىقاچان بىلىپ- بىلمەي ئاخىرلىشىپ قالدى. گەرچە سىز بەك ئىسسىق ھىس قىلمىغان بولسىڭىزمۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئاللىقاچان تومۇزدىكى ئىسسىقنىڭ %90 گە يېقىنلاشقان بولىدۇ. ھازىر بىر يىل ئىچىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئەڭ كۈچلۈك پەسىل يېتىپ كەلدى. بىز قانداق قىلغاندا ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتمەسلىك شەرتىدە قۇياش نۇرىدىن ھوزۇرلىنالايمىز؟ قايسى ۋاقىتتا ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ؟

  ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئەڭ كۈچلۈك ئايلار 5- ئايدىن 8- ئايغىچە بولىدۇ. 3- ئايدىن 4- ئايغىچە ئارىلىقتىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر تومۇز ئايلىرىدىكىنىڭ %90 ئىگە يېتىدۇ. 5- ئايدىن 8- ئايغىچە بولغان ۋاقىت پۈتۈن يىللىق ئۇلترا بىنەپشە نۇر مىقدارىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھىسابلىنىدۇ. قىش پەسلىدىمۇ ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ مىقدارى ياز پەسلىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 16 گىچە بولۇپ، ئەتىگەن سائەت 6 دىن بۇرۇن ۋە كەچ سائەت 20 دىن كېيىن بولسا ئاساسەن سەل قاراشقا بولىدۇ.

  ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى ئادەم بەدىنى ھەم ياخشى كۆرىدۇ، ھەم ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. 

 ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاساسلىق يورۇقلۇق مەنبەسى قۇياش بولۇپ، بەدەن ئۇنى ھەم ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئۆچ كۆرىدۇ. تېرە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدە قارىداپ كېتىشتىن، قورۇق چۈشۈشتىن، راك ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇشتىن، ئاپتاپتا كۆيۈپ كېتىشتىن قورقىدۇ. ئەمما، قۇياش نۇرى بەدەننىڭ ۋىتامىن D نى بىرىكتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىي، فوسفورنى سۈمۈرۈشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، سۆڭەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق دېيىشكە بولىدۇ.

  ئاپتاپقا زادى قانداق قاقلانغاندا، ئاندىن تېرىنى ئاسراش بىلەن بىرگە قۇياش نۇرى ئېلىپ كەلگەن ساغلاملىق پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى بولسا-- تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى سۈرۈش. ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى كۆپ قىسىم ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسىنى سۈزۈۋېتەلەيدۇ. ئەمما، پۈتۈنلەي ئايرىپ تۇرالمايدۇ. ھەر كۈنى ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى ئىشلەتكەن كىشىلەر، نورمال بولغان ۋىتامىن D سەۋىيەسىنى تامامەن ساقلاپ قالالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېرىسىنى ئاسرىيالايدۇ.

  تۆۋەندىكى بەش خىل ئۇسۇل، سىزنىڭ ئاپتاپقا ئىلمىي قاقلىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

 بىرىنچى، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋاقتىدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇڭ.

 قىشتا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى قىسقا، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، چۈشتە ئاپتاپقا قاقلىنىشنى تاللىسا بولىدۇ. يازدا ئۇلترا بىنەپشە نۇر بەك كۈچلۈك بولسا ئەتىگەن ۋە كەچنى تاللاش، سائەت 10:00دىن 16:00 بولغان ۋاقىتنى تاللاشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر بىر كۈن ئىچىدە ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقىت نۇقتىسىنى تاپماقچى بولساق، سايىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا قاراش يامان ئەمەس ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ. سايىڭىز بوي ئېگىزلىكىڭىزنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلسە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولسا، ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۆرسەتكۈچى ئەڭ بىخەتەر بولۇپ، ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىشڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئاپتاپقا ياخشى قاقلانسىڭىزلا بولىدۇ.

 سايىڭىز بوي ئۇزۇنلۇقىڭىزنىڭ 1 ھەسسىدىن 2 ھەسسىسچىلىك دائىرىدە بولغاندا، ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋاقتىڭىزنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا كونترول قىلسىڭىز ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ. سايىڭىز بوي ئېگىزلىكىڭىزدىن قىسقا بولغاندا، ئۇلترا بىنەپشە نۇر 30 مىنۇت ئىچىدە تېرىڭىزگە زىيان يەتكۈزەلىشى مۇمكىن. سايىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى بوي ئېگىزلىكىڭىزنىڭ يېرىمىغا يەتمىسە، ئۇلترا بىنەپشە نۇر 15 مىنۇت ئىچىدە تېرىڭىزنى زەخىملەندۈرىدۇ.

  ئىككىنچى، ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئاپتاپقا قاقلىنىڭ.

 قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈنلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن 1 سائەتكىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولغاچقا، ئاپتاپقا قاقلاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ھالدا 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە قىسقارتىشقا بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ ۋىتامىن D نى بىرىكتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ. لېكىن، بىر قېتىمدا بەك ئۇزاق ئاپتاپقا قاقلىنىشقا بولمايدۇ.

  ئۈچىنچى، سىرتقا چىقىپ ئاپتاپقا قاقلىنىڭ.

 قۇياش نۇرى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلىش ۋە سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلىشتىن ئىبارەت توپىلەپ قوشۇلىدىغان بىر خىل ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئارقىلىق پايدا يەتكۈزىدۇ. دالا پائالىيىتى ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىتامىن D نى بىرىكتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەندىن باشقا، يەنە كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، ئۇ ساغلاملىقنى قوغداشنىڭ مۇھىم قىسمى ھىساپلىنىدۇ.

  تۆتىنچى، ئاپتاپقا قاقلانغاندىن كېيىن مېۋە- كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەڭ.

 ئاپتاپقا قاقلانغاندىن كېيىن مېۋە- كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولىدۇ. كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ۋىتامىن C تولۇقلىغاندا قارا پىگمېنتنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تىزگىنلەپ، ئاپتاپتا كۆيۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

  بەشىنچى، ۋىتامىن B3 نى تولۇقلاڭ.

 تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن B3 ئىستېمال قىلىش كېسەللىك خەۋىپى يۇقىرى كېسەللەردە يېڭىدىن غەيرىي قارا پىگمېنت ئۆسمىسى تېرە راكى پەيدا بولۇش، شۇنداقلا فوتوخىمىيەلىك مۈڭگۈزلىشىش كېسىلى پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن. ئاپتاپقا قاقلانغاندىن كېيىن تەركىبىدە ۋىتامىن B3 مول بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تولۇقلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ھايۋانات جىگىرى، توخۇنىڭ مەيدە گۆشى، سەنۋېن بېلىقى، نيۇ يوۋگوۋ مېۋىسى، موگۇ قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بېرىش كېرەك.

  قىسقىسى، ياز پەسلىدىمۇ قۇياش نۇرىدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماي، ئاپتاپقا قاقلىنالايدىغان ساغلام ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.