تاماكا چەككۈچىلەر ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بولىدۇ
【发布时间】2021-05-31  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ھەممە ئادەم تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا چېكىش ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. تاماكىنى چەككىنىڭىزدە چىقارغان ئىس ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلىدىغىنىڭىز بەلكىم ئائىلىڭىزدىكىلەر بولۇشى مۇمكىن. 5- ئاينىڭ 31- كۈنى يەنى بۈگۈن دۇنيا ئىس- تۈتەكسىز كۈنى. بۇ يىلقى باش تېما: «تاماكا تاشلاشقا ۋەدە بېرىپ، ساغلاملىقتىن ئورتاق بەھرىلىنەيلى» دىن ئىبارەت. 

  نۇرغۇن تاماكا چەككۈچىلەر تاماكا چېكىش مىقدارىنى كونترول قىلساقلا، سالامەتلىكىمىز ئانچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسى-- ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دېيىشكە بولىدۇ.

  ئامېرىكا راك كېسىلى جەمئىيىتى بىلەن دۇنيا ئۆپكە ساغلاملىق فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە نەشر قىلغان «دۇنيا تاماكا ئاتلىسى» دا كىشىنى چۆچۈتىدىغان مۇنداق بىر ئىستاتېستىكا: «يەنى پۈتۈن دۇنيادا ھەر ئالتە سېكۇنتتا بىر ئادەم تاماكا سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ تاماكا چەككۈچىلەر چىقارغان ئىس سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ %75 ئى ئاياللار ۋە بالىلار بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. 

  سىزنىڭ پۇخادىن چىققۇچە «ئىس پۈۋلەۋاتقان» چاغلىرىڭىز بەلكىم ئائىلىڭىزدىكىلەرنى شەكىلسىز ھالدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىۋاتقان چېغىڭىز بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر راستتىنلا يېقىن تۇغقانلىرىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلسىڭىز، ئۇنداقتا قولىڭىزدىكى تاماكىنى تېزدىن تاشلاڭ!

  تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە تاماكا تاشلاش ئۇسۇلىنىڭ رەت تەرتىپىنى تونۇشتۇرىمىز:

 دورا ئارقىلىق تاماكا تاشلاش. بۇنىڭدا تاماكا تاشلاتقۇزۇش ئامبۇلاتورىيەسىگە كۆرۈنسە، تاماكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاشلاش نىسبىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تاماكا تاشلاش ئامبۇلاتورىيەسىدە، تاماكا خۇمارلار كۆپ قېتىم ئىرادىسىگە تايىنىپ تاماكا تاشلىغان ياكى باشقا ئۇسۇللارنى سىناپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن كەسپىي تاماكا تاشلاتقۇزۇش دورىلىرىنىڭ ياردىمىنى ئىزدىگەن. ئەمەلىيەتتە، تاماكا خۇمارى كۈچلۈك كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ماس كېلىدىغان دورا بىلەن تاماكا تاشلاش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ.

  نۆۋەتتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاساسلىقى ئىككى خىل تاماكا تاشلاش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىرى، دورا ئارقىلىق تاماكا تاشلاتقۇزۇش ئۇسۇلى؛ يەنە بىرى، نىكوتىننى تاماكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلى. ئېلىمىزنىڭ «جۇڭگو كىلىنىكىلىق تاماكا تاشلاتقۇزۇش قوللانمىسى» دا بىرىنچى قاتاردىكى ئۈچ تۈرلۈك كىلىنىكىلىق تاماكا تاشلاتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، بۇ دورىلار تاماكا تاشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرىدۇ. 

  نىكوتىننى تاماكا ئورنىغا دەسسىتىپ داۋالاش ئۇسۇلىدا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار (نىكوتىن چايناش يىلىمى، نىكوتىن سۈمۈرۈش سۇيۇقلۇقى، نىكوتىن ئېغىز بوشلۇقى پۈركىمىسى، نىكوتىن بۇرۇن پۈركىمىسى ۋە نىكوتىن چاپلىمىسى)، تۇز كىسلاتاسى ئامفېتادون ئاستا ئۈنۈملۈك دورىسى ۋە فېنىكلاندنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى خىل دورا تاماكا تاشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرىدىكەن. ئۈچىنچى خىلى تاماكا تاشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرىدىكەن.

  تاماكا تاشلاتقۇزۇش ئامبۇلاتورىيەسىدە، تاماكا تاشلىغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت تاماكا تاشلاش دورىلىرىلا بولماستىن، بەلكى كەسپىي دوختۇرلارنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا تاماكا تاشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە كىلىنىكىلىق تاماكا تاشلاش تەجرىبىسىدىن ئىبارەت. تاماكا تاشلاتقۇزۇش ئامبۇلاتورىيەسىدىكى دوختۇرلار ھەر بىر-- تاماكىغا خۇمار بولغۇچىلارنى قاراتمىلىق ھالدا تاماكا تاشلاتقۇزۇش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، ئوخشاش بولمىغان تاماكا تاشلىماقچى بولغانلارنى ئۈنۈملۈك تاماكا تاشلاتقۇزۇش دورىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىراق، بۇ دورىغا تايىنىپلا %100 تاماكا تاشلىغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تاماكا تاشلىغۇچى تاماكا تاشلاتقۇزۇش دورىلىرىنى ئۆز ھەرىكىتى بىلەن ماسلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن مۇۋاپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرەلەيدۇ.

  قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، روھىي «داۋالاش ئۇسۇلى» نى قوللىنىش ئارقىلىق تاماكا خۇمارىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. 

 تاماكا تاشلاش-- ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاش ۋە دورا ئارقىلىق داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاش ئۈچۈن، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. قەلبىدىكى تاماكا خۇمارىنى يوقىتىش ئۈچۈن، تاماكا تاشلىغۇچىلار ئىرادىنىڭ كۈچى بىلەن تاماكا تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇللار دەسلەپكى مەزگىلدىكى تاماكىغا خۇمار بولغانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇپ، بۇنىڭدا تۆۋەندىكى يەتتە ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  1. تاماكا چەككەن ۋاقىتتىكى ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش. بۇنىڭدا، قەستەن ئۆزىنى بىئارام قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش، مەسىلەن، تاماكا تۇتىدىغان قولىنى ئالماشتۇرۇش، لەۋنىڭ تاماكا چىشلەش ئورنىنى ئۆزگەرتىش، چاقماق ئورنىغا سەرەڭگە ئىشلىتىش دېگەندەك ئۇسۇللارنى سىناپ باقسا بولىدۇ. 

 2. تاماكا چېكىدىغان ۋاقىت ۋە سورۇننى بېكىتىش. مەسىلەن: يىغىن ئېچىۋاتقاندا ئامال بار تاماكا چەكمەسلىك، ئۆيدە پەقەت بىر مۇقىم ئورۇندا تاماكا چېكىش دېگەندەك. 

 3 . تاماكا تاشلاش خاتىرىسى يېزىش.

 تاماكا چېكىش خاتىرىڭىزنى تەكشۈرۈپ، سىزنىڭ قايسى ۋاقىت، قايسى ئورۇندا زادى تاماكا چەكمەي تۇرالمايدىغانلىقىڭىزغا قاراڭ ھەمدە بۇنداق ۋاقىت بۆلىكى ۋە ئورۇنغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ.

 4. تاماكا چەككىڭىز كېلىپ كەتكەندە، دەرھاللا چەكمەي، ئاۋۋال ئۈچ مىنۇت چىداشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. 

 5. ئامال بار يېنىڭىزدا تاماكا ساقلىماڭ. ئىشخانا، ئۆي ۋە يېنىڭىزدا تاماكا قويماڭ. ئۆزىڭىزگە خالىغانچە تاماكا چېكىشكە ئامالسىز قالىدىغان مۇھىت يارىتىڭ. 

 6. تاماكا چېكىشكە كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى تاشلىۋېتىڭ.

 تاماكا تاشلاشنى باشلاشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئېشىپ قالغان تاماكا، چاقماق ھەمدە كۈلدان قاتارلىق تاماكا چېكىشكە كېرەكلىك لازىمەتلىكلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋېتىڭ.

 7. ئۆزىڭىزگە پىسخىكىلىق بېشارەت بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. 

 تاماكا تاشلاش جەريانىدا، تاماكا خۇمارىڭىز قوزغىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت نىكوتىن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلغاندا يۈز بېرىدىغان ۋاقىتلىق كېسەللىك ئالامىتى ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا، سىز بۇنداق ئەھۋالنى-- ساغلاملىقىم ئەسلىگە كېلىۋىتىپتۇ دەپ قاراپ، پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزىڭىزگە مەن تاماكا تاشلىيالغۇدەكمەن دېگەندەك ياخشى بېشارەتلەرنى بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.